خىتاينىڭ 90 - يىللارنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ خىلدىكى"ئامانلىق نىزامنامىسى"نى بەلگىلەشتىكى زۆرۈرىيىتى ھەققىدە توختالغان ئاسىيا ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ خىلدىكى نىزامنامىنى بەلگىلىشى دۇنيادا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان، ئوتتۇرا ئاسىيادا يېڭىدىن مۇستەقىل دۆلەتلەر مەيدانغا كەلگەن ۋە 90 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا بارىن ئىنقىلابى يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمىگەن دەۋرلەرگە توغرا كېلىدىكەن.
ئەركىن ئەكرەم تۈركىيە ھاجى تەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى بولۇپ، ئۇ ئاسىيا ئەللىرىنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە سىياسىي تۈزۈلمىسى جەھەتتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەردىن بىرى.
ھالبۇكى، مەزكۇر نىزامنامە 1997 - يىلدىكى 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىدىن كېيىن يەنى 1997 - يىلى 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى بىر قېتىم ئۆزگەرتىلىپ 8 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 13 - يىغىندا قايتا ماقۇللانغان. بۇ نىزامنامە يەنە 2009 - يىلى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئۆزگەرتىلىپ 2009 - يىلى 11 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 15 - يىغىنىدا تونۇشتۇرۇلغان ئىدى.
ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، يېڭى مەزمۇنلار قوشۇلغان نىزامنامە 2009 - يىلى 12 - ئاينىڭ 29 كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 16 - يىغىنىدا ماقۇللاندى.
ئەركىن ئەكرەم، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا ھەر قېتىم بىرەر زور ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى نىزامنامىگە يېڭى ماددىلارنى قوشۇپ كەلگەنلىكىنى، كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئېلىدا يەنە شۇنداق ئەھۋاللار يۈز بەرسە نىزامنامىگە يەنە يېڭى ماددىلارنى قوشۇشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭ مەسىلىنىڭ نېگىزىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
بۇ نۆۋەت نىزامنامىگە يېڭىدىن قوشۇلغان ماددىلار، مەزكۇر نىزامنامىنىڭ "كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە مۇكاپاتلاش" قا قارىتىلغان 5 - بابىدا تولۇق كۆرسىتىلگەن.
مەزكۇر بابتا، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى "مۇناسىپ چىقىم ئاجرىتىپ، يىللىق خامچوتقا كىرگۈزۈش"، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەش، بارلىق چىقىملارنى ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئېلىش" قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مەزكۇر بابتا ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغان مەزمۇنلار بولسا، پۇقرالارغا ئىنقىلابى قۇربانلىق شەرىپى بېرىش بەلگىلىمىسى. بۇ ھەقتە 5 - بابنىڭ 39 - ماددىسىدا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: "ئەگەر، پۇقرالار جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن، قانۇنسىز جىنايى قىلمىشلار بىلەن كۈرەش قىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، دۆلەت، ۋە ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ئىنقىلابى قۇربانلىق نامى بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى نەپىقە بىلەن تەمىنلەش."
يېڭىدىن قوشۇلغان مەزكۇر ماددا ھەققىدە توختالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، بۇ ماددىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئىشەنچ ۋە قانۇنىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەركىن ئەكرەمنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ بۇ نۆۋەت ئۆزگەرتىلگەن نىزامنامىگە يۇقىرىقى ماددىلارنى قوشۇشى، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن بۇيان ئەنسىزچىلىككە پاتقان ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلەشكەن خىتاي پۇقرالىرىنى خاتىرجەم قىلىش رولىنى ئۆتەيدىكەن.
دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرىقى مەزمۇنلار خىتاي 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن ئالغان تەجرىبىلىرى بويىچە، ئەگەر يەنە شۇ خىلدىكى ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇشقا توغرا كەلسە ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدىمۇ يولغا قويۇلغان.
بۇ قېتىم تۈزىتىلىپ بېكىتىلگەن "جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش نىزامنامىسى" جەمئىي 7 باب، 48 ماددىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇ نىزامنامە ھۆكۈمەت، ھەربىي، ئىجتىمائىي بىرلىك، ئىدارە -ئورگان ۋە خەلق ئاممىسىغا قارىتا چىقىرىلغان.
نىزامنامىدە، جەمئىيەت مۇقىملىقنى قوغداشقا، قانۇن - ئەدلىيە، ھەربىي - ساقچى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئاپپاراتلىرىغا تايانغاندىن سىرت، ئىدارە - ئورگان، كوچا - باشقارما، مەھەللە، مائارىپ تارماقلىرى، ئاياللار بىرلەشمىسى، ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق جەمئىيەتلىرى، دىنىي ساھە، زاۋۇت - كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىش سەپلىرى، ئىشچى - دېھقانلار ۋە ئادەتتىكى پۇقرالارغىچە ئورتاق قاتنىشىش تەلەپ قىلىنغان.
بۇ نۆۋەت تونۇشتۇرۇلغان نىزامنامىنىڭ مەزمۇنلىرىدىن پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدا يەنىلا قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەركىن ئەكرەم، نۆۋەتتە خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەت ئەينى ۋاقىتتا شېڭ شىسەي يۈرگۈزگەن سىياسەتلەرگە ئوخشايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ ئاخىرىدا ھەرقانداق بىر بېسىم سىياسەتنىڭ يېڭى بىر ئاقىۋەت بىلەن نەتىجىلىنىدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.
مەزكۇر نىزامنامە 2010 - يىلى 1 - فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.