ئۇيغۇر ئېلىدە جۇغلىنىپ قالغان دېلولار كۆپەيمەكتە

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 8 - ئاپرېل ئىجرا قىلىنماي جۇغلىنىپ قالغان دېلولارنى مەركەزلىك ئېنىقلاش بويىچە تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئاچقان بولۇپ، يىغىندا جۇ خەيلۇن 2008 - يىلدىن بۇيان جۇغلىنىپ قالغان بارلىق دېلولارنىڭ 30 - ئاپرېلغىچە قايتا كۆرۈپ چىقىپ بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009.04.22
Mehbube-Ablesh-305.jpg ﻣﻪﻫﺒﯘﺑﻪ ﺋﺎﺑﻠﻪﺷﻨﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ. ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮﻣﯩﺰﻏﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ.
Photo: RFA

بۇ يىل 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدە 2008 - يىل ئىچىدە ئىجرا قىلىنماي، تۇرۇپ قالغان دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىش يىغىنى ئېچىلغان.

يىغىندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تەيىنلىگەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى جۇ خەيلۇن، 30 - ئاپرېلغىچە، جۇغلىنىپ قالغان بارلىق دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان. جۇ خەيلۇن ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى، ئەدلىيە، تەپتىش ئورگانلىرىدىن، 2008 - يىلدىن بۇيان بېسىلىپ قالغان، بىر تەرەپ قىلىنمىغان دېلولارنى ئېنىقلاپ، تېزدىن بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

جۇ خەيلۇن ئۆز سۆزىدە نۇقتىلىق دېلولارنى ئىجرا قىلىش خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا مۇزاكىرە قىلىپ، دېلونىڭ قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بېجىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مال - مۈلۈك دېلولىرىنىڭ ئىجراسىنى ئاياقلاشتۇرۇش نىسبىتىنى 100% كە، نۇقتىلىق دېلولارنىڭ ئىجراسىنى ئاياقلاشتۇرۇش نىسبىتىنى 90% كە يەتكۈزۈشكە تىرىشىپ، نۇقتىلىق دېلولاردا پۈتۈن كۈچ بىلەن بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئىجرا قىلىنماي جۇغلىنىپ قالغان دېلولارنى ئېنىقلاش ۋەزىپىسىنى ۋاقتىدا ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
 
جۇ خەيلۇن ئۆز سۆزىدە يەنە تىلغا ئالغان نۇقتىلىق دېلولار ئەمەلىيەتتە، سىياسىي دېلولارغا قارىتىلغان بولۇپ، 2008 - يىلى 11 ئاي جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا بۆلگۈنچىلىك ۋە "دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش" جىنايەتلىرى بىلەن قولغا ئېلىنغان كىشىلەر بىر مىڭ ئۈچ يۈزگە يېقىن ئىكەن. خىتاي ئاخباراتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر دېلولارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەدلىيە ۋە تەپتىش ئورگانلىرى تەرىپىدىن تۇرغۇزۇلغان.

خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، ئۆتكەن 11 ئاي جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىدە دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان شەخسلەر جەمئىي 1295 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ھۆكۈم ئېلان قىلىنغانلار 1154 نەپەر ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 2008 - يىلىدا پۈتۈن خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا "دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش جىنايىتى" بىلەن جازاغا تارتىلغانلار 619 نەپەر بولۇپ، ئەمما بۇ سان ئۇيغۇر ئېلىدە بىر ھەسسە كۆپ ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ قېتىمقى ئىجرا قىلىنماي جۇغلىنىپ قالغان دېلولارنى مەركەزلىك ئېنىقلاش ھەرىكىتىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا سوت مەھكىمىلىرى جەمئىي 10 مىڭ 646 دېلونى ئېنىقلاپ چىققان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مال - مۈلۈك دېلوسى 6046، ھەر خىل سىياسىي ئەنزىلەرگە چېتىشلىق، نۇقتىلىق دېلو 4600 ئىكەن. 1 - ئاپرېلغىچە، مال - مۈلۈك دېلوسىدىن 5796 سىنىڭ ئىجراسى ئاياقلاشتۇرۇلۇپ، ئىجراسىنى ئاياقلاشتۇرۇش نىسبىتى 95.86% كە، ئىجرا قىلىنغان پۇل سوممىسى 950 مىليون يۈئەنگە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە 15 - ئورۇندا تۇرغان. نۇقتىلىق دېلودىن 3508 ئىنىڭ ئىجراسى ئاياقلاشتۇرۇلۇپ، ئىجراسىنى ئاياقلاشتۇرۇش نىسبىتى 76.28% كە يەتكەن، ئىجرا قىلىنغان پۇل سوممىسى 3مىليون يۈئەندىن ئاشقان.

جۇ خەيلۇن ئوز سۆزىدە يەنە، " ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى نۇقتىلىق دېلولارنىڭ سانىنى تەلتۆكۈس ئېنىقلاپ، ئىجرا قىلىنماي جۇغلىنىپ قالغان ھەر بىر دېلونىڭ كونكرېت ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ، سەۋەبىنى ئانالىز قىلىپ، قاراتمىلىققا ئىگە، مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك ھەل قىلىش چارىسىنى تۈزۈپ، " ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇش " مەسىلىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەنبەدىن تۈزەشنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە ئادىل سوتلاپ ۋە ئىجرا قىلىپ، كونا دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن بىللە، يېڭىدىن جۇغلانما دېلولارنىڭ شەكىللىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. " دەپ تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ بۇ يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ زىيادە قاتتىق بولىشى،ئىچكىرىدىن كۆپلەپ كۆچمەن يۆتكەپ كېلىنىش سەۋەبىدىن، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئېشىپ بېرىشى، پىلانلىق تۇغۇت، قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى، خەلقنىڭ سۆزلەش ئەركىنلىكىگە بولغان چەكلىمىنىڭ خىتاينىڭ باشقا ھەرقانداق ئۆلكىلىرىگە قارىغاندىمۇ كۈچلۈك بولۇشى، قاتارلىقلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ كۈچىيىپ ھەر خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مانا بۇلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر خىل دېلولارنىڭ ئىچكى خىتاي ئۆلكىلىرىگە قارىغاندا كۆپ بولۇشىدىكى ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.