خىتاي، ئۇيغۇر رايونىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئادالەتسىزلىكىنى تۈگىتىش ھەققىدە ھۆججەت چىقاردى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.09.24
2009.09.24
RFA Photo
ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، تۈنۈگۈن مەزكۇر ھۆججەتنىڭ روھىنى چۈشەندۈرۈپ، بۇ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى بۆسۈش خارەكتىرلىك سىياسەت دەپ ئۇقتۇرغان ۋە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى مەزكۇر ھۆججەتنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشقا چاقىرغان.
مەزكۇر ھۆججەتتە، ئۇيغۇر رايونىدىكى كارخانىلار، قۇرۇلۇش ۋە مۇلازىمەت ئورۇنلىرى يېڭىدىن ئىشچى قوبۇل قىلغاندا، ئاز دېگەندە 50%نىڭ شىنجاڭلىق بولۇشى تەلەپ قىلىنغان. بۇ ھۆججەتنىڭ 1 - ئۆكتەبىردىن ئېتىبارەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى تەلەپ قىلىنغان. ئەمما شىنجاڭلىق دەپ كۆرسىتىلگەن كىشىلەرنىڭ، ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي نوپۇسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىپ ئالمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلمىگەن. ھۆججەتتە، ئادالەت مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغىنىغا قارىغاندا، بۇ نۇقتىدا ئۇيغۇرلارمۇ كۆزدە تۇتۇلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى، ئۇيغۇرلاردا ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، بۇ مەسىلە تېز بىر تەرەپ قىلىنمىسا، ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىملىقنىڭ كېپىللىككە ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى، ھەتتا ئېغىر تراگىدىيىلىك ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى، ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە مەركىزى ھۆكۈمەتكە ھەر خىل يوللار بىلەن كۆپ قېتىم مەلۇم قىلغان، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى بۇ پىكىرلىرى ئۈچۈن نەزەربەند ئاستىغا ئالغان ۋە تەھدىت سالغان ئىدى.
ئەمدىلىكتە، خىتاينىڭ ئىلھام توختى قاتارلىق مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەكلىپ - پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى بىلىنمەكتە. ئەمما بۇ قوبۇل قىلىشنىڭ، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، يەنى 200 دىن ئارتۇق كىشى ئۆلگەندىن كېيىن يۈز بېرىشى دىققەت نۇقتىسى بولماقتا. ئۇيغۇربىز توربېتىدىكى بەزى پىكىر بايان قىلغۇچىلار، ھۆججەتنىڭ پەقەت نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈنلا چىقىرىلغان قۇرۇق قەغەز ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشماقتا. ئەسلىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى زاۋۇت كارخانىلارغا ئىشچى - خىزمەتچى قوبۇل قىلغاندا، يەرلىك خەلقنى ئاساس قىلىش تەلىپى يېڭى بىر تەلەپ ئەمەس؛ بۇ ئاپتونومىيە قانۇنىدىمۇ ئېنىق بەلگۈلەنگەن، بىراق ئىجرا قىلىنمىغان؛ بۇ قېتىمقى ھۆججەت، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن ئاچچىق بىر ساۋاقتىن كېيىن چىققانلىقى ئۈچۈن، ھۆججەتنىڭ ئەمەلىيلىشىپ قېلىش ئېھتىماللىقىمۇ پەرەز قىلىنماقتا.
بۈگۈن "ئۇيغۇر بىز" توربېتىدە، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنىڭ مەزكۇر ھۆججەت ھەققىدىكى پىكىرلىرىگە يەر بېرىلگەن. ئىلھام توختى بۇ نۇقتىدا، ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتنى ئالقىشلىغان؛ بولۇپمۇ ھۆججەتتىكى چاقىرىقلارنىڭ بۇرۇنقى ھۆججەتلەردىكىدەك، ئابىستراكت ۋە مۈجىمەل ئەمەس، بەلكى ئېنىق ۋە كونكېرت ئىكەنلىكىنى مەدھىيىلىگەن. ئىلھام توختى سۆزىدە بۇ مەسىلىنىڭ يالغۇز چاقىرىق بىلەنلا ھەل بولمايدىغانلىقىنى، مەسىلىنى كۆزىتىدىغان ۋە نازارەت قىلىدىغان ئورگانلارنىڭمۇ قۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى، ئۇنداق بولمىغاندا يەنىلا قەغەز يۈزىدىكى ۋەدىگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى 3 خىل كۈچلەرنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. بۇنىڭغا قايىل بولمىغان خىتاي ئىچى - سىرتىدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينى ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى ئۆز سىياسىتىدىن ئىزدەشكە چاقىرغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ھاياتتا چەتكە قېقىلىشىنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئىدى.
مەزكۇر ھۆججەت، خىتايغا يۇقارقى چاقىرىقىقلارنىڭ ئازدۇر - كۆپتۇر تەسىر قىلغانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە. ئەمما ھۆججەتتە، شىنجاڭلىق دەپ كۆرسىتىلگەن كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي نوپۇسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ ئالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەسلىكى، ھۆججەتنى ئىجرا قىلمىغانلىقلارغا قارىتا ھېچقانداق جازالاش چارىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلماسلىقى، بۇ قېتىمقى ھۆججەتنىڭ يەنىلا ئۆتكۈنچى شۇئار بولۇپ قالىدىغانلىقى دائىر گۇمان پەيدا قىلماقتا.