خىتاي ھۆكۈمىتى قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنىڭ كېيىنكى ئون يىللىق پىلانىنى ئاشكارىلىدى

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 5 - ئۆكتەبىر مائارىپ خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە كېيىنكى 10 يىلدا يۈرگۈزمەكچى بولغان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ پىلانلىرىنى ئېلان قىلدى. پىلان بويىچە 2020 - يىلىغا بارغاندا ئۇيغۇر ئېلى مائارىپى پۈتۈنلەي قوش تىللاشتۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايدىن باشقا ئىككى مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى پۈتۈنلەي خىتايچە مائارىپ قوبۇل قىلىدىغان ھالەتكە كېلىدىكەن.

0:00 / 0:00

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئالىم ئەركىن سىدىق ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر تىل ۋە مەدەنىيىتىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلىدى.

كېيىنكى ئون يىلدا

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا "ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاز سانلىق مىللەتلەر يەسلى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ قوش تىل مائارىپىنىڭ 2010 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە بولغان تەرەققىيات پىلانى"نى ئېلان قىلدى. مەزكۇر پىلاندىن قارىغاندا، 2020 - يىلىغا بارغاندا "قوش تىل مائارىپى" ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق مەكتەپلەردە پۈتۈنلەي ئومۇملىشىپ بولىدىغان بولۇپ، بۇ يەنى شۇ چاغدا، خىتايدىن باشقا ئىككى مىليون 600مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت بالىلىرىنىڭ يەسلى مائارىپىدىن باشلاپ پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدا مائارىپ قوبۇل قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

خىتاينىڭ مەزكۇر 10 يىللىق پىلانىدا كۆرسىتىشىچە، 2012 - يىلى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدە سەبىيلەر مائارىپى يەنى مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى ئىككى يىللىق خىتاي تىلى ئوقۇتۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.

2015 - يىلىغا بارغاندا ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قوش تىللىق مائارىپ ئەندىزىلىرىنى كۆپ خىل شەكىلدە ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇش.

2020 - يىلىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق مەكتەپلەرنى تەلتۆكۈس قوش تىللاشتۇرۇپ بولۇش. يەنى خىتاينىڭ مەزكۇر پىلانى ئىشقا ئاشسا، يەنە ئون يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدە خىتايدىن باشقا ئىككى مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت بالىلىرى پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدا تەربىيىلىنىدىكەن.

مائارىپ تورىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى باغچا مائارىپى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مائارىپىدا تەربىيىلىنىۋاتقان خىتايدىن باشقا مىللەت بالىلىرىنىڭ سانى ئىككى مىليون 400 يۈز مىڭغا يېقىن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە باغچا مائارىپىدىن باشلاپ" قوش تىللىق مائارىپ "نامىدىكى خىتايچە مائارىپنى قوبۇل قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار 994 مىڭ 300 نەپەر، بۇ سان پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايدىن باشقا مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 40%تىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ.

جىددىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش

2000 - يىلىدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر خىتاي ئۆلكىلىرىدە تەسىس قىلىنغان "شىنجاڭ سىنىپى" دا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار 30 مىڭغا يەتتى. ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى قوش تىللىق مائارىپنى سەبىيلەر مائارىپىدىن باشلاپ چىڭ تۇتۇش كېرەك دەپ تەكىتلەپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەسلى مائارىپىنى قوش تىللاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆتكەن يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى 5 مىليارد يۈەن ئاجراتقان ئىدى، بۇ يىلنىڭ ئۆزىدىلا يەنە بىر مىليارد 500 مىڭ يۈەن ئاجراتقان.

تەڭرىتاغ تورى بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋىرىدە خىتاي ئۆلكىسىدىكى شىنجاڭ سىنىپىنى ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن نۆۋەتتە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيىسىدىكى بىر قوش تىللىق باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىشلەۋاتقان نۇرگۈل مۇتەللىپنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن بولۇپ، ئۇ " ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى قوش تىللىق مائارىپ مىللىي ساپانى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر ئىكەن،" دېگەن.

1981 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق مەكتەپلەردە باشلانغۇچ مەكتەپ 4 - يىللىقتىن تارتىپ خىتاي تىلىنى قوشۇمچە دەرس قىلىپ ئۆتۈش يولغا قويۇلغان. 1987 - يىلى 3 - سىنىپتىن باشلاپ ئۆتۈشكە ئۆزگەرتىلگەن. 1995 - يىلىدىن باشلاپ قىسمەن ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە تەبىئىي پەن دەرسلىكلىرىنى خىتايچە ئۆتۈش سىناق تەرىقىسىدە ئېلىپ بېرىلغان. قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى 2000 - يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان ئىستىراتېگىيىلىك پىلانى سۈپىتىدە رەسمىي ئىجرا قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش جەريانىدا " ئاز سانلىق مىللەتلەر خىتايچە ئۆگەنگەندىن، خىتايچە سۆزلىيەلىگىنىدىن، خىتايچە بىلگەنلىكىدىن پەخىرلىنىدىغان بولۇشى كېرەك" دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر تىل ۋە مەدەنىيىتى خىرىسقا ئۇچرىماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان سابىق سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇەن بولسا " ئۇيغۇر تىلى ھازىرقى زامان پەن مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا ماسلىشالماي قالدى. ئۇيغۇرلار مىللەت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم قوش تىللىق بولۇش كېرەك" دېدى.

ھەتتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى نۇر بەكرى "تۇڭگانلارنىڭمۇ تىلى يوق، يوقاپ كەتمىدى، ئۇيغۇرلارمۇ خىتايچىنى ئۆگەنگىنىگە يوقاپ كەتمەيدۇ. قوش تىللىق مائارىپنى ھەر قانداق توسالغۇغا قارىماي ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك..." دېگەندەك سۆزلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا چىقاردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىللىق مائارىپى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىردەك قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراپ كەلمەكتە. ئۇلار، "قوش تىللىق مائارىپ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى" دەپ تەنقىدلەپ كەلمەكتە. ئۇنداقتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كېيىنكى ئون يىلدا ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىنى پۈتۈنلەي قوش تىللاشتۇرۇپ بولۇشنى پىلانغا كىرگۈزگەنلىكى نېمىلەردىن دېرەك بېرىدۇ دېگەن سوئاللارغا جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن، بىز ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن ئالەم تېخنىكىسى ئالىمى ئەركىن سىدىق ئەپەندىگە مۇراجىئەت قىلدۇق.

ئەركىن سىدىق ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى مۇشۇ سۈرئەتتە ماڭغاندا، كېيىنكى ئون يىلغا قالماي ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېچىنىشلىق ھالغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.