ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەڭسىزلىك ئۇيغۇرلارنى ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" نى "چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن" دېگەن يالغان تەشۋىقاتىنى، چەتئەللەردە مۇھاجىرەتتە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىنكار قىلدى.

0:00 / 0:00

"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" پارتلىغاندىن كېيىن، خىتاي بۇ ۋەقەنى "چەتئەللەردىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر قېتىملىق ئۇرۇش، چېقىش ھەرىكىتى" دەپ تەشۋىق قىلىش بىلەن بىللە، 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ھەقىقىي ئاپتونومىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، باياشات بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى خەلقئاراغا تەشۋىق قىلماقتا.

ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن خىتاي ھۆكۈمىتى دەۋاتقان ئالىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇپ، باياشات بەختلىك ياشاۋاتامدۇ؟ ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدە قانداق مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتىدۇ ؟ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك بېسىملىرى سەۋەبلىرىدىن چەتئەللەردە مۇھاجىرەتتە ياشاشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەشۋىقاتىنىڭ تامامەن ئويدۇرما ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكىدىكى مۇتەللىپ ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" نى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ئارتىشىنىڭ پۈتۈنلەي بىمەنىلىك ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان تۈرلۈك بېسىملىرى سەۋەبىدىن بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىققانلىقىنى بايان قىلدى.

مۇتەللىپ ئەپەندى ئۆزىنىڭ ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ كەتمەي، ئامېرىكىدا قېلىشنى قارار قىلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتى سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ ئاخىرى ئامېرىكىدا قېلىشنى قارار قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

گېرمانىيىدە مۇزىكا كەسپىدە ماگىستىرلىق ئاسپىرانتلىقىنى تاماملىغان بولسىمۇ، ئەمما ۋەتەنگە كېتىشتىن ۋاز كېچىپ نورۋېگىيىدە ياشاشنى قارار قىلغان دىلشات ئەپەندى ئۆز قارىشىنى بايان قىلدى.

ئىلگىرى ۋەتەندە تۈرلۈك بېسىملار سەۋەبىدىن، خىزمەت تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي، بېيجىڭدا چەتئەل شىركەتلىرىدە ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان ھەم ئامېرىكىغا بىر نەچچە قېتىم كەلگەنلىكى سەۋەبىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەقىب ئاستىغا ئېلىنىپ، ئاخىرى ئامېرىكىغا كېلىشنى قارار قىلغان ئادىلە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئادىلە خانىم ئۆزى ھەم ۋەتەندىكى مەلۇم بىر تۇغقىنىنىڭ خىزمەت ئىزدەش جەريانىدىكى كەچۈرمىشىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا جاۋابكار بولۇشى كېرەك دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئۆزىنىڭ 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتىنى يوشۇرۇپ " ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، بەختلىك ياشاۋاتىدۇ " دەپ تەشۋىقات قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ھازىر تۈرلۈك بېسىملار سەۋەبىدىن چەتئەللەردە ياشاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ خەلقئاراغا قاراتقان ئالدامچىلىق تەشۋىقاتىنى ئېچىپ تاشلىماقتا.