0:00 / 0:00
ياپونىيىدە ئىلگىرى يىپەك يولىغا ئائىت ھۆججەتلىك فىلىملەر كۆپلەپ ئىشلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ فىلىم ياپونىيىدە ئىشلەنگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى فىلىم ھېسابلىنىدۇ.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمى بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۇچۇن، ياپونىيە كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى بىلەن، بۇ فىلىمنىڭ رېژىسسورى نوبۇھىسا سانو ئەپەندى ھەم بۇ فىلىمدە تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلىك ۋە بۇ فىلىمدە ئىپادىلەنگەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان بۇ فىلىم ھەققىدىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى ئاڭلايسىلەر.