خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەزگۈر كۈنلەر ھوشيارلىقى ئاھالىلەرنى بىئارام قىلماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى قوغداش نامى ئاستىدا بىر قاتار يېڭى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ۋە بىخەتەرلىك تېرمىنلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. "نۇقتىلىق ئائىلە"،" سەزگۈر كۈن" ۋە " ئۈچ پېشقەدەم " قاتارلىقلار يېقىنقى مەزگىللەردە ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى بىخەتەرلىك تېرمىنلىرىدۇر.

0:00 / 0:00

مەلۇم بولىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 18 - ۋە 19 - مارت كۈنلىرىنىمۇ سەزگۈر كۈنلەر دەپ بېكىتىپ، مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يەنە بىر بالداق كۈچلەندۈرگەن.

2008 - يىلى 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، خوتەندە ئاياللار نامايىشى يۈز بەرگەن. شۇنىڭدىن 1 ھەپتە ئاۋۋال يەنى 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئۈرۈمچىدە بىرلا ۋاقىتتا 4 ئورۇندا ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە جەمئىيەتتە ئۇچۇر تارقالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا خوتەن ئاياللار نامايىشى يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، مەزكۇر ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسىنى ئىنكار قىلغان ئىدى. رادىئومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ ئىگىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە 18 - ۋە 19 - مارت كۈنلىرىنى سەزگۈر كۈنلەر دەپ قاراپ، بۇ كۈنلەردىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى نورمالدىن تاشقىرى كۈچلەندۈرگەن.

بىز بۈگۈن يېقىندا چەتئەلگە چىققان بىر ئۇيغۇر دوختۇردىن 2 يىلنىڭ ئالدىدىكى ۋەقە ھەققىدە قايتا مەلۇمات ئىگىلىدۇق.

ئۈرۈمچىدىكى شەھەر ئاھالىلىرىدىن بىرى، بۇ ھەپتە ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنى بىر ئەنسىزچىلىك قاپلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۈزلۈكسىز چىرقىرىغان ساقچى ماشىنىلىرى، توپ - توپ قوراللىق ساقچىلارنىڭ جىددىي ھەرىكەتلىرىدىن بىئارامچىلىق ھېس قىلغانلىقى، بۇ ئەھۋالنىڭ ئۆزىنىڭ خىزمەت كەيپىياتىدىن باشقا، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش كەيپىياتىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. بىز بۈگۈن ئۈرۈمچىدىكى شەھەر ئاھالىلىرىدىن بىرىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ تۈنۈگۈن كەچ كۆرگەنلىرى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان ئادەتتىن تاشقىرى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە كۆپ ساندىكى خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ نارازى ئەمەسلىكى مەلۇم. ئەمما بۇ جەرياندا مەنپەئەتلىرى دەخلى ئۇچرىغان خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ چېكىدىن ئاشقان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلىنمەكتە. بولۇپمۇ ئىنتېرنېتنىڭ تېخىچە تەلتۆكۈس ئەسلىگە كەلمەسلىكى بىر تۈركۈم خىتاي تىجارەتچى ۋە كارخانىچىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.

مەلۇم بولىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم سودا - كارخانىچىلار، ئىنتېرنېتنىڭ چەكلىنىشى سەۋەبىدىن تىجارەتلىرى توختاپ قالغان، بەزلىرى باشقا ئۆلكىلەرگە يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولغان.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يەنە بىر ئۇيغۇر، ئۈرۈمچىنىڭ بۇ خىل ئەنسىز ھاۋاسىغا خېلى بۇرۇنلا كۆنۈپ قالغانلىقى، ساقچىلارنىڭ قوللىرىدىكى كالتەك، ئەسكەرلەرنىڭ ئاستىدىكى برونېۋىك، قاتارلىقلارغا ئۆزىنىڭ پىسەنت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن بۇرۇنلا مەۋجۇتلۇقى، بولۇپمۇ 2008 - يىللىق ئولىمپىك تەييارلىق مەزگىلىدىن باشلاپ ئۆزىنى ئۇرۇش ۋەزىيىتىدىكى بىر دۆلەتتە ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلىشقا باشلىغانلىقى، ھازىر بولسا ئەتراپتىكى غەيرىي نورمال بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ھېچبىرىگە ھەيران قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.