[ ماقالىدە راشىددىن مۇھەممەتنىڭOpens in new window ]
پاكىستانغا بېرىپ، ئەلقائىدە بىلەن ئالاقە قۇرغانلىقىنى، نورۋېگىيىدە 3 كىشىلىك ئەلقائىدە گۇرۇھى تەشكىللەپ، پارتلاتقۇچى خىمىيىلىك ماددىلارنى سېتىۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ماقالىدە يەنە، راشىددىن مۇھەممەتنىڭ 2008 - يىلى كۈزدە ئايالى بىلەن تۈركىيىنى زىيارەت قىلىپ، تۈركىيىدە ئەلقائىدە ئالاقىچىسى بىلەن مۇناسىۋەت باغلىغانلىقىنى، راشىددىن مۇھەممەت ئالاقىلاشقان مەزكۇر ئەلقائىدە ئالاقىچىسى ھازىرغا قەدەر قولغا چۈشمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كىملىكى تەكشۈرگۈچى خادىملارغا مەلۇم ئىكەنلىكىنى يازىدۇ.
ماقالىدە، ئامېرىكا ۋە نورۋېگىيە ئاخبارات خادىملىرىنىڭ مەلۇماتىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، راشىدىن مۇھەممەت 2008 - 2009 ئارىلىقىدىكى قىش پەسلىدە تۈركىيىدىن پاكىستاننىڭ ۋەزىرىستان قەبىلىلەر رايونىدىكى ئەلقائىدە تەلىم - تەربىيە لاگېرىغا بارغان بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەزىرىستانغا بېرىپ تۇرغان مەزگىلى نيۇيورك ۋە مانچېستىردىكى پارتلىتىش پىلانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك شەخسلەرنىڭ ۋەزىرىستاندىكى ئەلقائىدە لاگېرىدا تەلىم - تەربىيە ئالغان ۋاقتى بىلەن ئوخشاش مەزگىلگە توغرا كېلىدىكەن. لېكىن، دائىرىلەر ئۇلارنىڭ ئۆز - ئارا تونۇشمايدىغانلىقىنى ۋە بىر لاگېردا تۇرمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
راشىددىن مۇھەممەتنىڭ ئەلقائىدە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۇنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەلقائىدە مەسئۇللىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئېلخەت ئالاقىسىدىن ئاشكارىلىنىدۇ. "راشىددىن مۇھەممەت 2009 - يىلى 6 - ئايدا نورۋېگىيىگە قايتىشتىن سەل بۇرۇن پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھىرىدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك بىر ئەلقائىدە پائالىيەتچىسىنىڭ G - mail دىكى ئېلخەت ئادرېسىغا خەت يازغان بولۇپ، راشىددىننىڭ ئەخمەت ئىسىملىك پىشاۋېردىكى مەزكۇر ئەلقائىدە پائالىيەتچىسى بىلەن خەت ئالاقە قىلىشى ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.
"ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى "نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەخمەت ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ تەقىبى ئاستىدىكى شەخس بولۇپ، ئۇ راشىددىن بىلەن ئالاقە قىلىپلا قالماي، يەنە نيۇيورك ۋە مانچېستىردىكى پارتلىتىش گۇرۇپپىسى بىلەن Yahoo دا خەت ئالاقىسى قىلاتتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەخمەتنىڭ ئېلخەت ئالاقىسى ئاللىبۇرۇن ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ تەقىبى ئاستىغا ئېلىنغان ئىدى. ئامېرىكا راشىددىن مۇھەممەتنىڭ ئەخمەت بىلەن بولغان ئالاقىسىدىن نورۋېگىيە دائىرىلىرىنى دەرھال خەۋەردار قىلغان بولۇپ، نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى راشىددىن 2009 - يىلى 6 - ئايدا تۈركىيىدىن نورۋېگىيىگە قايتىپ كەلگەن زامات ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى تەقىپ قىلىشقا باشلىغان.
نورۋېگىيە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى راشىددىنىڭ ھەرىكىتىنى بىر يىلدەك تەقىپ قىلغاندىن كېيىن، ئۇ بۇ يىل 7 - ئايدا رەسمىي قولغا ئېلىنغان. نورۋېگىيە يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا بىر قەدەر كەڭچىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنى قوينىغا ئېلىشتا ئانچە ئىككىلەنمەي كېلىۋاتقان ياۋروپا ئەللىرىنىڭ بىرى ئىدى. بىر نورۋېگىيە پۇقراسىنىڭ بولۇپمۇ، نورۋېگىيە ۋەتەنداشلىقى بېرىلگەن بىر ئۇيغۇر سىياسى مۇساپىرنىڭ ئەلقائىدىگە ئەزا بولۇپ، نورۋېگىيىدە پارتلىتىش ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاش بىلەن ئەيىبلىنىشى ئۇيغۇرلارنى چۆچۈتۈپلا قالماي، غەرب مەتبۇئاتلىرىدا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغان ئىدى.
بۇ جەھەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى يېقىندىن تەقىپ قىلىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، بۇ ۋەقە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ مەلۇم دائىرىدىكى سەلبىي تەسىرىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ۋە نورۋېگىيىلىك دائىرىلەر راشىددىن گۇرۇپپىسى نيۇيورك يەر ئاستى پويىزى ۋە مانچېستىردىكى سودا بازىرىنى پارتلىتىش پىلانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بۇ 3 پارتلىتىش پىلانى ئەلقائىدىنىڭ تاشقى ئوپېراتسىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك خادىمى ئەل سومالى تەرىپىدىن پىلانلانغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدىكەن. ئەل سومالى 2009 - يىلى 1 - ئايدا ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى پىلانلىغان بومباردىماندا ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى 2009 - يىلى 4 - ئايدا مانچېستىردىكى سودا بازىرىنى پارتلاتماقچى بولغان 12 كىشىنى قولغا ئالغان. شۇ يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە نيۇيورك يەر ئاستى پويىزىنى پارتلاتماقچى بولغان نەجىبۇللا زازى قاتارلىقلارنى تۇتقۇن قىلدى.
لېكىن، راشىددىنىڭ شۇ يىلى 6 - ئايدىن باشلاپ، نورۋېگىيە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ئۆزىنى تەقىپ ئاستىغا ئالغانلىقىدىن خەۋىرى يوق ئىدى. ئۇ نورۋېگىيىگە قايتىپ كېلىپ، پېشاۋېردىكى ئەخمەت ئىسىملىك ئەلقائىدە پائالىيەتچىسى بىلەن ئالاقىلاشقان. "ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى" دىكى ماقالىدە راشىددىننىڭ ئەخمەتكە ئېلخەت يوللاپ، "قەرزىنى"قايتۇرۇشقا ۋەدە قىلغانلىقىنى يازىدۇ. مەزكۇر ماقالىدە ئەسكەرتىشىچە، دائىرىلەر بۇ سۆزنىڭ ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشارەت بەلگىسى بولۇپ، بۇنىڭ بومبا ياساشقا كېرەكلىك قوللانمىغا ھاجىتى چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
راشىددىن مۇھەممەت نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا، بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئارىلاشمايدىغان، ئۇلارغا شۈبھە بىلەن قارايدىغان ھەم يەككە - يىگانە پائالىيەت قىلىدىغان قويۇق دىندار كىشىلىكى بىلەن تونۇشتۇر. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، راشىددىن مۇھەممەتنىڭ ۋەقەسى غەرب ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سىرتىدا قالغان دىنىي تىندىنسىيەسى كۈچلۈك كىشىلەرنى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئىچىگە جەلپ قىلىشنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، دەيدۇ. راشىددىن مۇھەممەت نورۋېگىيىگە قايتىپ كېلىپ، كونا دوستلىرىنى ئىزدەيدۇ. ئۇ كونا دوستلىرىدىن دەيۋىد ياكۇپسېن ئىسىملىك بىر ئۆزبېك ياش ۋە شاۋان سەئىد بۇجاك ئىسىملىك بىر كۇرد بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇپ، ئۇلار بىلەن بىر گۇرۇپپا تەشكىللىگەن.
"ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى" دىكى ماقالىدە، راشىددىننىڭ ئۇلارنى بومبا ياساشقا كېرەكلىك ماتېرىياللارنى سېتىۋېلىشقا بۇيرۇغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. نورۋېگىيىلىك ساقچىلار بۇ يىل 7 - ئايدا شاۋان سەئىد بۇجاكنىڭ ئوسلو ئەتراپىدىكى بىنا ئۆيىنى ئاختۇرۇپ، قازناقتىكى ھىدروگېن پېروكسىد قاتارلىق بومبا ياساشقا كېرەكلىك ماتېرىياللارنى قولغا چۈشۈرگەن ئىدى. شاۋان سەئىد بۇجاك راشىددىننىڭ يوليورۇقىنى ئىجرا قىلىپ، ئوسلودىكى بىر دورىخانىغا ھىدروگېن پروكسېد سېتىۋالماقچى بولۇپ بارغان. لېكىن ساقچىلار ئالدىنئالا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا ساختا ھىنروگېن پروكسېد سېتىپ بەرگەن.
ئۇلار قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، راشىددىن خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ بومبا ياساشقا ئىشلىتىلمەكچى بولغانلىقىنى رەت قىلىپ، بۇ بۇيۇملارنى تۇرمۇشتىكى قانۇنلۇق ئىشلارغا ئىشلىتىشكە سېتىۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. "ۋاشىنگتون پوچتىسى" دىكى ماقالىدە گەرچە راشىددىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى خىمىيىلىك بۇيۇملارنى سېتىۋېلىپ ساقلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بومبا ياساش باسقۇچىغا ئۆتمىگەنلىكىنى ھەم پارتلاتماقچى بولغان نىشاننى تاللاپ بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.