ئەرزدارلار قامالغان مېھمانخانا خوجايىنى ناھىيىلىك پارتكوم سېكرېتارىنىڭ تاغىسى ئىكەن

جېجياڭ لىڭخەي مېھمانخانىسىنىڭ ئەرزدارلار قامالغان ئۆي ئۈچۈن ھۆكۈمەتتىن ئادەم بېشىغا كۈنىگە 1000 سوم ياردەم پۇلى ئالغانلىقى پاش بولغاندىن كېيىن، دائىرىلەرنىڭ مېھمانخانا خوجايىنلىرىغا يۇقىرى ھەق بېرىش ئارقىلىق، ئۆز ئالدىغا يەرلىك قارا تۈرمىلەرنى بەرپا قىلىش قىلمىشى ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى.

0:00 / 0:00

يېقىندا خىتاي تىلىدىكى «4-ئىيۇن تور بېكىتى»دە جېجياڭ تيەنتەي ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەر كۈنلۈك ياتاق باھاسى 138 سوم خەلق پۇلى بولغان شەرق مېھمانخانىسىغا، مېھمانخانىغا قامالغان ئەرزدارلارنىڭ ھەر بىر كۈنلۈكى ئۈچۈن ئادەم بېشىغا 1000 سومدىن ياردەم پۇلى بەرگەنلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، تورداشلار بۇ خىل «قارا تۈرمىلەر» نىڭ خىتاينىڭ ھەممە جايلىرىدا بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىقنى ساقلاش باھانىسىدە بەرپا قىلىنغان بۇ خىل قارا تۈرمىلەرنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشلىرى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغان يوللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«4-ئىيۇن تور بېكىتى» دە ئاشكارىلىنىشىچە،جېجياڭ تيەنتەي ناھىيىسىدىكى ئەرزدار جاڭ ۋەنجېن خانىم 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن تاكى 2013-يىل يېڭى يىل ھارپىسىغىچە تيەنتەي ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بۇ ناھىيىگە قوشنا بولغان لىڭخەي ناھىيىسىدىكى شەرق مېھمانخانىسىغا قامالغان. جاڭ خانىم مېھمانخانىغا قامالغان مەزگىلىدە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئەسلى باھاسى 138 سوم بولغان ياتاق ئۆي ئۈچۈن مېھمانخانا خوجايىنىغا ياردەم پۇلى نامىدا 1000 سوم خەلق پۇلى تۆلىگەن.

چارشەنبە كۈنى رادىئومىز خىتاي بۆلۈمى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جاڭ ۋەنجىڭ خانىمنىڭ يۇرتدىشى شۈ جياڭچياۋ ئۆزىنىڭ جاڭ ۋەنجىڭ خانىم بىلەن يېڭى يىلدىن كېيىن تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكىنى بايان قىلىپ، مېھمانخانىدا جاڭ ۋەنجېن خانىمدىن باشقا يەنە باشقا ئەرزدارلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. شۈ جياڭچياۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لىڭخەي ناھىيىسىدىكى جاڭ ۋەنجېن خانىم قامالغان شەرق مېھمانخانىسىنىڭ خو جايىنى تيەنتەي ناھىيىلىك پارتكوم سېكرېتارى لى جىجەننىڭ تاغىسى بولۇپ، لىڭخەي ناھىيىسىدىكى شەرق مېھمانخانىسى بىلەن«ئەرزدارلارنى قاماش توختامنامىسى» ئىمزالىغۇچى كادىر جۇ رىتيەن بولسا تيەنتەي ناھىيىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى لى جىجيەننىڭ نەۋرە ئىنىسى ئىكەن.

لىڭخەي ناھىيىسىكى شەرق مېھمانخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا مېھمانخانىغا ئەرزدارلارنىڭ قامالغىنىدىن ھەم مېھمانخانىغا قامالغان ئەرزدارلارنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن كۈنىگە 1000 سوم خەلق پۇلى ياردەم بېرىلىدىغانلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما مېھمانخانىنىڭ بىر كۈنلۈك باھاسىنىڭ 138 سوم خەلق پۇلى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇ ئەھۋالنى ئىنتېرنېتتا ئاشكارىلىغان «4-ئىيۇن تور بېكىتى» قۇرغۇچىسى خۇاڭ چى ئەپەندى، چارشەنبە كۈنى رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مېھمانخانىغا قامالغان ھەر بىر ئەرزدارنىڭ بىر كۈنلۈك ياتاق ھەققى ئۈچۈن تيەنتەي ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتىن 1000 سوم ئالغان لىڭخەي ناھىيىسىدىكى «شەرق مېھمانخانىسى» خو جايىنىنىڭ تيەنتەي ناھىيىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋە تيەنتەي ناھىيىسىدىكى كادىرلار بىلەن تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقى ھەققىدە توختىلىپ: «خۇ جىڭتاۋ ۋە ۋېن جياباۋ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلىدە مۇقىملىق ھەممىدىن ئەلا دەيدىغان دۆلەت سىياسىتىنى بەلگىلەپ، ھەرقايسى يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش نامىدا تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق پارىخورلۇق ۋە خىيانەتچىلىك قىلىپ بايلىق توپلىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بەردى. تيەنتەي ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەر كۈنلۈكى 138 سوم بولغان ياتاق ئۈچۈن، ناھىيىلىك پارتكوم سېكرېتارىنىڭ تۇغقىنى ئاچقان مېھمانخانىغا ھەر بىر ئەرزدارنىڭ بىر كۈنلۈكى ئۈچۈن 1000 سومدىن ياردەم پۇلى بەرگەنلىكى بۇنىڭ تىپىك مىسالى.»دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئەرزدارلارنى قامايدىغان بۇ خىل قارا تۈرمە شەكلىنى ئالغان مېھمانخانىلار مەۋجۇت بولۇپ، ئىلگىرى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئەرزدارلاردىن نۇرۇنگۈل خانىم، ئانارگۈل خانىم، ئەمەت قاسىم ۋە غازى ئاكا قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئەرز ئۈچۈن بېيجىڭغا بارغىنىدا يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېلىنىپ، ئۆز ناھىيىسىدىكى مېھمانخانىلارغا نەچچە ئايلاپ قامالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.