ئۇيغۇر ئەرزدارلار خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭدىكى ب د ت ئىشخانىسى ئالدىدا ئىككىنچى قېتىم توپلاندى

بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ئەرزدارلار خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش ئۈچۈن 2 ھەپتىنىڭ ئالدىدا ب د ت ئىشخانىسى ئالدىغا توپلانغان ۋە 100 دىن ئارتۇق ساقچى ئۇلارنىڭ ئالدىنى زوراۋانلىق بىلەن توسقان ۋە تارقىتىۋەتكەن ئىدى.

0:00 / 0:00

بۈگۈن بۇ ئەرزدارلار ب د ت نىڭ ئالدىغا ئىككىنچى قېتىم توپلاندى. بۇلارنىڭ سانى ئۆتكەن قېتىمدا 8 نەپەر ئىدى. بۇ قېتىم 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئەرزدار ب د ت ئالدىغا توپلىنىپ، ب د ت خادىملىرىغا شىكايىتىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم ئۇرۇنۇپ كۆردى.

بۇ 20 نەپەر ئەرزدارنىڭ ئىچىدە، يېقىندا ئاقسۇنىڭ كۇچا ناھىيە ئاغۇ يېزىسىدىن كەلگەن ئەرزدارلارمۇ بار. بۇلار ئۆزلىرىنى يۇرتىغا قايتۇرۇپ ئەكېتىش ئۈچۈن بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن كۇچا ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ تەھدىتلىرىگە پىسەنت قىلماي، بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان.

ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلار خىتاينىڭ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەرز شىكايەت بوسۇغىسى، خىتاي دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى ئەمەس، بەلكى ب د ت نىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئىشخانىسى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلماقتا.