بۇ، 61 يىلدىن بۇيان خىتايدا تۇنجى قېتىم دۆلەت ئەمەلدارىنىڭ ئەرزدارلار زارىغا قۇلاق سېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
بىراق، ۋېن جياباۋ يوقلىغان بۇ ئەرزدارلار ئارىسىدا بىرمۇ ئۇيغۇر كۆزگە چېلىقمىغان ياكى بىرمۇ ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان. بېيجىڭدىكى يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئەرزدارلىرى نەگە كەتتى؟ ر ف ئا نىڭ 25-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھېچكىمگە دەردىنى ئاڭلىتالمىغان ئۇيغۇر ئەرزدارلار خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۈمىدلىرىنى ئۈزۈپ، ب د ت نىڭ بېيجىڭدىكى ئىشخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ، خىتاي ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش يولىنى تاللىۋالغان.
خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرى 2009-يىلى ئىچىدە ئۇيغۇر ۋەتىنىدىن 290 مىڭ ئەرزىيەت دېلوسىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئەرز-شىكايەتلىرىنىڭ نەتىجىسى مەلۇم ئەمەس.
گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتىنىڭ رەئىسى گۈلنار خانىم بىرنەچچە ئۇيغۇرنىڭ خىتاي پايتەختىدىكى ئەرز-شىكايىتى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ھەل بولمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ھۆر-ئازاد بىر ۋەتىنىگە ئېرىشمىگۈچە، ئۇيغۇرنىڭ دەردى تۈگىمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى، " شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەرزى بار، لېكىن ئۇيغۇرنىڭ ئەرزى ئاقمايدۇ " دېدى. ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇر ۋەتىنى خىتاي تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغاندىن بېرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى كۆپ ھەق-ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى يەنە، نېمە ئۈچۈن " ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ئەرزى بار" دەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئۇ يەنە، ئۇيغۇرلارنى ئەرزدار بىر مىللەتكە ئايلاندۇرۇپ قويغان كۈچنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ زور ۋەقە سۈپىتىدە تەشۋىق قىلغان مەزكۇر خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ خەلق ئاممىسىنىڭ ھۆكۈمەتكە پىكىر-تەكلىپ بېرىش قانىلىنى كېڭەيتىش، خەلق ئاممىسىغا ھۆكۈمەتنى تەنقىدلەش ھەم نازارەت قىلىش شارائىتى يارىتىپ بېرىش، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى، مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى تەكىتلىگەن.