بۇ، خىتايدا يۇقىرى دەرىجىلىك بىر رەھبەرنىڭ 60 يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم ئەرزدارلارنى يوقلىشى بولۇپ، خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ زىيارەتنى ۋېن جياباۋنىڭ ئىسلاھاتچى روھىي ۋە خەلقسۆيەرلىكى دەپ مەدھىيىلىگەن ئىدى. بىراق، ۋېن جياباۋنىڭ بۇ كۈندىكى "خەلقسۆيەرلىكى" بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلارغا نىسبەتەن يەنە بىر قېتىم مىللىي ئايرىمىچىلىققا ئۇچراش ۋەقەسىگە سەۋەب بولغان. شۇ كۈنى ۋېن جياباۋ ئەرزىيەت ئىدارىسىنى زىيارەت قىلىپ كەتكۈچە بولغان ئارىلىقتا، 6 نەپەر ئۇيغۇر ئەرزدار ساقچى ئاپتوموبىلىنىڭ ئىچىگە 4 سائەت سولاپ قويۇلغان.
مەتبۇئاتلاردا بايان قىلىنىشىچە، ۋېن جياباۋ ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە، سىياسىي ئىسلاھات تېمىسىدا 10 قېتىم سۆز قىلغان. ھەر قېتىملىق سۆزىدە پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەققى بولۇشىنى، ئاخباراتنىڭ ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلىشىنى ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ مۇستەقىل ھۆكۈم چىقىرىشىنى تەكىتلىگەن. ۋېن جياباۋنىڭ بۇ خىل تەشەببۇسلىرى ۋە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر باراۋەرلىكى ھەققىدىكى چاقىرىقلىرى، ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ بېيجىڭدىن ئۈمىد كۈتۈشىگە تۈرتكە بولغان. ئەمما، ئۇلار بېيجىڭغا كەلگەندىن كېيىن، تامامەن پەرقلىق ۋەزىيەتكە دۇچ كەلمەكتە.
شۇ كۈنى ساقچى ئاپتوموبىلىغا قاماپ قويۇلغان ئەرزدارلاردىن يەنە بىرى نۇرمەمەت قاسىم ئىسىملىك، ئاقسۇنىڭ ئاۋات ناھىيىسىدىن كەلگەن ئەرزداردۇر.
ۋېن جياباۋنىڭ مەزكۇر زىيارىتى داۋامىدا، ئۇيغۇر ئەرزدارلار، ۋېن جياباۋنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىت دەپ قارالدىمۇ ۋە ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ دىققىتىدىن ئۇزاق تۇتۇلماقچى بولدىمۇ؟ بۇ پەقەت بېيجىڭ ساقچىلىرى بىلەن دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى ئارىسىدىكى سۆزلىشىشتە ساقلانغان سىردۇر.