پولات زاۋۇتىنىڭ سابىق ئىشچىسى گۈلجەننەت: «بىز بېيجىڭغا كىشىلەرنىڭ يېرىنى تارتىۋالغىلى كەلمىدۇق»
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.12.16
2011.12.16

www.peacehall.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.
ئۆي ئىگىلىرى شىنجاڭلىقلارغا ئۆي بەرمەسلىك ھەققىدە ساقچىدىن ئۇقتۇرۇش بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئۆي بېرىشنى رەت قىلغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گۈلجەننەت، ئۆزىنىڭ بېيجىڭغا كىشىلەرنىڭ يېرىنى ياكى خىزمىتىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن كەلمىگەنلىكىنى، شۇڭا ئۆزىگە قىلىنغان مۇئامىلىنىڭ بىر ئادالەتسىزلىك ۋە ئىنساپسىزلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
«بىز بۇ خەققە ئوخشاش، بېيجىڭغا بۇلارنىڭ يېرىنى تارتىۋالغىلى، خىزمىتىنى ئىگەللىۋالغىلى، ئۆيىنى چېقىۋەتكىلى كەلمىدۇق، قانۇن مۇشۇ يەردە چىققان ئىكەن، بۇ قانۇن نېمە ئۇچۇن ئىجرا قىلىنمايدۇ دەپ قانۇنىي ھەققىمىزنى سۇرۇشتە قىلىپ كەلدۇق.»
ھورمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئاڭلىغىنىڭلار، پولات زاۋۇتىنىڭ سابىق ئىشچىسى گۇلجەننەتنىڭ سۆزلىرى.
ئۆتكەن ئاينىڭ 23 - كۇنى مەركىزى ئىنتىزام تەكشۇرۇش كومىتېتى ئالدىدا خىتاي ساقچىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەرزادارلار ئارىسىدا كەڭ بىر مەيدان جىدەل بولغان ئىدى؛ جىدەلدە خىتاي ساقچىلار 3 نەپەر ئۇيغۇر ئەرزادارنى ئۇرۇپ ھۇشسىزلاندۇرۇپ ساقچىخانىغا ئېلىپ ماڭغان، بۇنى كۆرگەن قالغان 9 ئۇيغۇر ئەرزدار ساقچى ئاپتوموبىلىنىڭ ئالدىنى توسۇۋىلىپ قارشىلىق كورسەتكەن؛ گۇلجەننەت ساقچى ئاپتوموبىلىنىڭ ئالدىنى توسۇۋالغان ئەرزدارلاردىن بىرى ئىدى:
شۇ كۇنكى ۋەقەدىن كېيىن، ئۇلارغا 7 كۇنلۇكتىن قاماق جازاسى بېرىلگەن، گۇلجەننەت بۇ جازاغا رازى بولغان، ئەمما، جازا مۇددىتىنى بېيجىڭدا ئۆتەشنى، ئۇرۇمچىگە قايتۇرۇۋەتمەسلىكنى تەلەپ قىلغان.
23 - نويابىردىكى ۋەقەدىن شۇ كۇنى، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى خې يۇڭمۇ خەۋەر تاپقان، بېيجىڭدىكى خىتاي ساقچىلىرى، ئۇلارنىڭ ئەرزىنىڭ ئەمدى ھەل بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا يۇرتلىرىغا قايتىپ كىتىشىنى تەۋسىيە قىلغان؛ لېكىن ئەرزدارلار قايتىشنى رەت قىلغان، شۇ كۇنلەردە ئۇرۇمچىدىن كەلگەن دائىرىلەر، گۇلجەننەت بىلەن كورۇشۇپ ئۇنىڭغا يەنە ۋەدە بەرگەن ۋە ئۇنى ئۇرۇمچىگە ئېلىپ كەتكەن.
گۇلجەننەت يەنە ئالدانغانلىقىنى ئۇققاندىن كەيىن، يەنە بېيجىڭغا سەپەر قىلغان، ئۇ ئالدىنقى كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەندە، تۇرىدىغان جاي تاپالمىغاندىن باشقا، ئىككى سەپدىشى ئايگۇل توختى ۋە تۇرسۇنجان غوپۇرنىڭمۇ قايتۇرۇپ كىتىلىپ، قاماقخانىغا سولاپ قويۇلغانلىقىنى ئۇققان.