خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردىن كۆپلەپ ئەسكەر قوبۇل قىلىدۇ؟

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 23-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر ئىلى ۋە خىتايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئەسكەر قوبۇل قىلماقچى بولغان.

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، 2009-يىلى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئىلىدىكى ساقچى ۋە زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش ئەترەتلىرىگە ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا خادىم قوبۇل قىلىپلا قالماي، دۆلەت مۇداپىئە قوشۇنلىرىغىمۇ ئۇيغۇر ئەسكەرلەرنى قوبۇل قىلىشنى كۈچەيتكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 23-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، 22-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۈرۈمچىدە 2012-يىللىق ئەسكەر قوبۇل قىلىش مۇراسىمى باشلانغان. بۇ قېتىم قوبۇل قىلىنىدىغان ئەسكەرلەر ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سانى زور دەرىجىدە كۆپەيتىلىدىكەن. ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ بىر قىسمى ئۇيغۇر ئېلىدە ۋەزىپە ئۆتىسە، يەنە بىر قىسمى خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى ھەربىي بازىلارغا تەقسىم قىلىنىدىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل ئالىي مەكتەپ، ئالىي تېخنىكوم، ئوتتۇرا تېخنىكوم، كەسپىي تېخنىكوم ۋە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەنلەر ياكى شۇ ئورۇنلاردا ئوقۇۋاتقانلار ئىچىدىن نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولغانلىرى ئالدىن تاللاپ قوبۇل قىلىنىدىكەن. ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىنىدىغانلار سىياسىي تەكشۈرۈش، ساغلاملىق تەكشۈرۈشى، بەدەن سۈپىتى تەكشۈرۈشى ۋە سىياسىي جەھەتتىن قايتا تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۆتكەللەردىن ئۆتۈشى شەرتكەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئۆتكەن يىلى ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىنىپ « لياۋنىڭ» ماركىلىق تۇنجى ئاۋىئاماتكىغا تەقسىم بولغان ئالىي مەلۇماتلىق بىرقانچە ئۇيغۇر قىزى، خىتاي دېڭىز چارلاش ئەترىتىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر قىزلىرىنى كۆپ ساندا قوبۇل قىلغاندىن سىرت، ئاز سانلىق مىللەت ئەرلىرىنىمۇ كۆپلەپ قوبۇل قىلىشنى قارار قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ئەسكەر قوبۇل قىلىشى يېڭىلىق بولمىسىمۇ، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئۇيغۇر ئەسكەرلەرنىڭ سانىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتىشى ھەمدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىمۇ ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىشنى كۈچەيتىشى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. تۈركىيىدىكى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ئەسكەر قوبۇل قىلىش ئىشىغا بولغان كۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ بۇ توغرىسىدا توختىلىپ، خىتاينىڭ ھېچقاچان ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ساقچىلارنى تەربىيىلەش مۇددىئاسى توغرىسىدىمۇ توختالدى.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئەسكەر قوبۇل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تەن چېڭگۈي 22-ئۆكتەبىردىكى مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر ئىلىدىن قوبۇل قىلىنىۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ مەدەنىيەت سۈپىتىنىڭ يۇقىرىلىقى، كەسپىي ئالاھىدىلىكىنىڭ ياخشىلىقى، ماسلىشىشچانلىق ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈكلۈكى بىلەن ئەسكەر قوبۇل قىلىش ساھەسىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە، ئاز سانلىق مىللەتتىن ئەسكەر قوبۇل قىلىش ئىشىنى ھۆكۈمەت باش بولۇپ قوللاپ، رىغبەتلەندۈرۈش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، بۇ يىل قىشلىق يۇقىرى سۈپەتلىك ئەسكەر قوبۇل قىلىش ئىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن.