تۇنيۇقۇقنىڭ جەمەتى كورىيىدە تېپىلدى

شەرقتىكى يات ئەللەردە ياشايدىغان، ئۇيغۇرلار بىلەن تارىخىي تۇققانچىلىقى بار، دەپ قارىلىدىغان توپلار ئىچىدە خۇنەندىكى جيەن فامىلىلىكلەرنى بىلىدىغانلار ئاز ئەمەس. يېقىندىن بېرى خۇنەننىڭ ميەنچى ناھىيىدىكى ليۇ فامىلىلىك بىر توپنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تۇققانچىلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلەر بولدى.

0:00 / 0:00

گەنسۇنىڭ سۈنەن ئاپتونوم ناھىيىسىدىكى يۇگۇرلارنى ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئۇيغۇر دەپ ھېسابلايدۇ. لېكىن جەنۇبىي كورىيىنىڭ سېئۇل ئەتراپىدىكى بىر ناھىيىدە ئۆزىنى ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ خان جەمەتىگە باغلايدىغان بىر توپنىڭ ياشايدىغانلىقى ئاساسەن كىشىلەرگە نامەلۇم بولسا كېرەك. ئامېرىكىدىكى بىر ئۇيغۇر تەتقىقاتچى كورىيە ۋە خىتاي تارىخى مەنبەلىرىگە ئاساسەن جەنۇبىي كورىيىدىكى شېي پەمىلىلىك بىر توپنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تۇققانچىلىقى بارلىقىنى ئىسپاتلىدى.

ئۇلار جەنۇبىي كورىيە پايتەختى سېئولغا يېقىن بىر ناھىيىگە ئولتۇراقلاشقان

پەن - تېخنىكىنىڭ كۈچ - قۇدرىتى دۇنيانىڭ قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىشلەرنى ياسىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ئۆز قوينىدا نۇرغۇن سىرلارنى ساقلاپ كەلمەكتە. مانا مۇشۇ سىرلارنىڭ بىرى كورىيە يېرىم ئارىلىدىكى شېي فامىلىلىك توپنىڭ ئېتنىك ۋە مەدىنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى، ئۇلارنىڭ كورىيە يېرىم ئارىلىدا پەيدا بولۇپ قېلىشىغا ئائىت سىرلار بولسا كېرەك. شيې فامىلىسى كورىيىلىكلەر ئارىسىدا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان بىر فامىلە نامى بولۇپ، بۇ فامىلىلىك كىشىلەرنى جەنۇبىي كورىيە پايتەختى سېئولغا يېقىن بىر ناھىيىدە بىر قەدەر كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدىكەن.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تۈركولوگى قاھار بارات، مەزكۇر فامىلىنىڭ كورىيىلىكلەر ئارىسىدا ناھايىتى يىگانە بىر فامىلە ئىسمى بولۇپ داۋاملىشىپ كېلىشىدە بۇ فامىلىگە ئائىت توپنىڭ پەۋقۇلئاددە تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادى ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىز بۈگۈن دىققىتىڭلارغا سۇنماقچى بولغان مەسىلە ھازىر جەنۇبىي كورىيىدە ياشايدىغان مانا مۇشۇ شېي فامىلىلىك جامائەت توپىدۇر. بۇ فامىلىنى قوللىنىدىغان كورىيىلىكلەرنى جەنۇبىي كورىيە پايتەختى سېولنىڭ تەخمىنەن 40 كىلومېىتر نېرىسىدىكى بىر ناھىيىدە بىر قەدەر كۆپ ئۇچرىتىش مۇمكىن.

" ئۇلار ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ باش دانىشمىنى بىلگە تۇنيۇقۇقنىڭ ئەۋلادى"

دوكتور قاھار باراتنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، ئەگەر سىز بۇ ناھىيىدە شېي فامىلىلىك كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۇيغۇرلارغا باغلايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى 8 ‏ - ئەسىردىكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ باش دانىشمىنى بىلگە تۇنيۇقۇقنىڭ ئەۋلادى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلگىنىڭىزدە ھەيران قېلىشىڭىز تەبئىي. ئۇيغۇر جەمئىيىتى جەنۇبىي كورىيە - كىنو سەنئىتى ۋە تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان بىر دەۋردە، ئۆزلىرىنى بىلگە تۇنيۇقۇقنىڭ ئەۋلادى، ھېسابلايدىغان كورىيىلىكلەرنىڭ بارلىقىدىن خەۋەردار بولۇش نۇرغۇن ئۇيغۇرلاردا قىزىقىش پەيدا قىلىدىغان بىر تارىخىي تېما.

شېي فامىلىلىك كورىيىلىكلەر قانداقسىگە تۇنيۇقۇقنىڭ ئەۋلادى بولۇپ قالىدۇ ؟ ئۇلارنىڭ فامىلىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار ؟ ئەگەر ئۇلار راست تۇنيۇقۇقنىڭ ئەۋلادى بولسا قانداقسىگە كورىيىدە ياشايدۇ ؟ دەۋرىمىزدە گېنېتىكا ئىلمىنىڭ تەرەققىياتى كورىيىلىك شېي فامىلىلىكلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ئالاقىسىغا ئەڭ توغرا جاۋابنى بېرەلىشى مۇمكىن. لېكىن مەسىلىنى تارىخ ئىلمىي نۇقتىنەزەردىن كۈزەتكەندە، دوكتور قاھار باراتنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىش ۋە چۈشەندۈرۈشىگە قۇلاق سېلىشىمىز ئارتۇقچە بولمىسا كېرەك.

قاھار بارات كورىيىدىكى شېي فامىلىلىكلەرنىڭ ئەجدادى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان تۇنجى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىدۇر. ئۇ، رادىئومىزغا خىتاي ۋە كورىيە مەنبەلىرىدە تارىخىي پاكىتلار شېي فامىلىلىكلەرنىڭ ئاتا - بوۋىسى ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ موڭغۇللار دەۋرىدە خاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن كورىيىگە كېلىپ بۇ يەردە يۇرت سورىغان ئىدىقۇتلۇقلار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا، دەپ كۆرسەتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇللار ئىستىلاسىغا قاتناشقانلىقى،چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى قۇبلاينىڭ ھاكىمىيەت ئاپپاراتلىرىدا نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇق تۇتقانلىقى، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقى ۋە موڭغۇللار ھاكىمىيىتىدە مۇھىم روللارنى ئوينىغانلىقى بىر تارىخىي ھەقىقەتتۇر.

ئىدىقۇت خاقانى بارچۇقئارت تېكىن چىڭگىزغانغا بەيئەت قىلغان

1209 ‏ - يىلى چىڭگىزخان ئونان دەرياسى ساھىلىدا قۇرۇلتاي چاقىرىپ، ئۆزىنى موڭغۇللارنىڭ خاقانى، دەپ ئېلان قىلغاندا ئىدىقۇت خاقانى بارچۇقئارت تېكىن چىڭگىزغانغا بەيئەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ۋە قارا خىتايلار بىلەن بولغان تەۋەلىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن ئىدى. تارىخى مەنبەلەردە بارچۇقئارت تېكىننىڭ تەشەببۇسكار تەسلىمىيىتى چىڭگىزخاننى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدە ئىلتىپاتىغا سازاۋەر قىلغانلىقىنى يازىدۇ.

ئىدىقۇتلۇقلار 10 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن چىڭگىزخاننىڭ غەربنى ئىستىلا قىلىش، 1227 ‏ - يىلى تاڭغۇتلارغا يۈرۈش قىلىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. چىڭگىزخان ئۆلگەندە چىڭگىزخان ئوغۇللىرىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خانلىقلارنى ئىستىلا قىلىش ھەرىكىتىدە زور تۆھپىلەرنى قوشقان ئىدى. شۇڭا ئۇلار چىڭگىز ئەۋلادلىرىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن ۋە ئۇلارغا چوڭ ھوقۇقلار بېرىلگەن.

تارىخىي مەنبەلەر ھازىرقى خۇنەندە ياشايدىغان جيەن، ليۇ پەمىلىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ دەۋىردە ھوقۇق تۇتقان ئۇيغۇر مەنسەپدارلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. دوكتور قاھار بارات، ئۆز دەۋرىدە كورىيىگە ئەۋەتىلگەن شېي فامىلىلىك ئەمەلدارنىڭ ئۆزلىرىنى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ باش دانىشمىنى بىلگە تۇنيۇقۇقنىڭ ئەۋلادى ھېسابلايدىغان ئىدىقۇتلۇقلاردىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

موڭغۇللار قۇبلايخان دەۋرىدە خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ زور تەسىرىگە دۇچ كەلگەن ئىدى. بۇ تەسىر ھاكىمىيەت ئاپپاراتلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى، ئوردا سارايلارنىڭ زىننەتلىنىشى، جۈرېنلىك ئېمتىھان تۈزۈمى، كىيىم - كېچەك، يىمەك - ئىچمەك، فامىلە تاللاش قاتارلىقلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ئەينى چاغدا بىر قىسىم موڭغۇللارنىڭ قۇبلايغا قارشى چىقىشى، قۇبلاي بىلەن ئۇنىڭ ئاكا - ئۇكا ۋە بىر نەۋرىلەر ئارىسىدا ھوقۇق تالىشىش ئۇرۇشلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى، كونسېرۋاتىپ موڭغۇللاردىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭدە خىتايلارغا ئاسسىمىلىياتسىيە بولۇپ كېتىش قورقۇسى بار ئىدى.

ئەينى دەۋرىدە قۇبلاي ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادى ئوتتۇرا تۈزلەڭ مەدەنىيىتىنى زور دەرىجىدە ئۆزىگە سىڭدۈرگەن، بۇنىڭ تىپىك ئىپادىسى ئۆزى ۋە ئەمەلدارلىرىغا خىتايچە فامىلىلەرنى ئاتا قىلىشى ئىدى.

تۇنيۇقۇقنىڭ جەمەتى 840 ‏ - يىللاردا تۇرپان رايونىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان

قاھار بارات، ئەينى چاغدا كورىيىنى سورىغان ئۇيغۇرلارغا شېي فامىلىسى ئاتا قىلىنغانلىقىنى، شېي سۆزىنىڭ سېلىنگا دېگەن سۆزنىڭ خىتايچىسىدىكى باش ھەرىپىدىن كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سېلىنگا دەرياسى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي پائالىيەت ماكانى بولۇش بىلەن تىللاردا داستاندۇر. 8 ‏ - ئەسىردىكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى مانا مۇشۇ دەريا ۋادىسىدا باش كۆتەرگەن ۋە قۇدرەت تاپقان ئىدى.

بىلگە تۇنيۇقۇقنىڭ دەۋر سۈرگەن مەزگىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك دەۋرى بولۇپ، تۇنيۇقۇقنىڭ جەمەتى 840 ‏ - يىللاردىكى ئالا ‏ - توپىلاڭ ۋە كۆچ - كۆچ يىللىرىدا تۇرپان - ئىدىقۇت رايونىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان بولسا، بۇ تارىخىي رېئاللىقلارغا تامامەن ئۇيغۇن كېلەتتى. چۈنكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى 840 ‏ - يىلى يىمىرىلگەندە خانلىقنىڭ بىر بۆلۈم پۇقراسى خان جەمەتى شاھزادىلىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە تۇرپان رايونىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ۋە بۇ يەردە قوجۇ ئىدىقۇت دۆلىتىنى تىكلىگەن. بىز تارىخ سەھىپىلىرىدە ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىزلىرىنى خانلىقنىڭ 14 ‏ - ئەسىردە قۇبىلاي جەمەتىنىڭ تەپرىقىچىلىك ئۇرۇشلىرىدا پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان يىللارغا قەدەر كۆرەلەيمىز.

كورىيىدىكى ئۇيغۇر "سېلىنگالار" شېي جەمەتىنىڭ ئومۇمى نوپۇسى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىدىكى ئالاھىدىلىكلەرنى ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. شېي فامىلىلىك كورىيىلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تۇققانچىلىقى بارلىقىنى بىلىش - بىلمەسلىكى بىزگە نامەلۇم. لېكىن ئۇلار نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە ئەگەر راست بولسا ئۇيغۇر تارىخىدىكى ناھايىتى مەشھۇر بىر زات - بىلگە تۇنيۇقۇقنىڭ ئەۋلادى بولۇش شان ‏ - شەرىپىنى ئۆزى ھېس قىلماي ئېلىپ يۈرگەن كىشىلەردۇر.