0:00 / 0:00
مۆلچەرلىنىشىچە، ھەقىقىي سان 60مىڭدىن ئاشىدىكەن . بۇ كېسەل بىلەن ئۆلگەنلەر 3824 كە يەتكەن. ئەيدىز ۋىرۇسى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئادەتتىكى كىشىلەر توپىدا شىددەت بىلەن تارقىلىشقا باشلىغان شۇنداقلا ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ مۇشۇ بىر - ئىككى يىل ئىچىدە كېسەل بولۇش ۋە ئۆلۈش نىسبىتى ئالاھىدە يۇقىرى بولماقتا ئىكەن. يارىپ زەھەر چەكلەش ۋە ئەيدىزدىن مەسلىھەت سوراش خىزمەت پونكىتىنىڭ مەسئۇلى ۋە مەزكۇر پونكىتىنىڭ تور مەسئۇللىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەم ئۇچراۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى ھەققىدە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.