تۈركىيىنىڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان ھۆرىيەت گېزىتىدە 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئۇيغۇرلاردىكى ئەيدىز مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. بۇرۇندىن تارتىپ تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى HIV ۋىرۇسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تېزلا يېيىلىشىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ئىدى. راستىنلا شۇنداقمۇ؟ HIV ۋىرۇسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تېزلا يېيىلىشىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر نېمىلەرنى قىلىۋاتىدۇ؟ تۈركىيە نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟
بۇ سۇئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىكلەرگە قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ 13 ئەزاسىدىن بىرى بولغان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تىببىي فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى قانۇن دوختۇرى پروف. در. سېۋىل ئاتاسوي خانىم ۋە د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.
پروف. در. سېۋىل ئاتاسوي خانىم ئۇيغۇرلار ئارىسىدا HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانىنىڭ تېزلا كۆپىيىشىدىكى سەۋەبلەر ۋە HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە توختالدى.
د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش ئۈچۈن قەستەن ئۇيغۇرلارنىڭ HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشىغا كۆز يۇمۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
`خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشىغا كۆز يۇمۇۋاتامدۇ`؟ پروف. در. سېۋىل ئاتاسوي خانىم شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان `خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشىغا كۆز يۇمۇۋاتىدۇ` دېگەن كۆز قارىشىغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى:
"بۇ پىكىرگە قوشۇلمايمەن. چۈنكى بۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىشىلەرنىڭ مائارىپ سەۋىيىسى ۋە ئىقتىسادىي سەۋىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يەنى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ خالىغان دوختۇرخانىدا داۋالىنالىشى، زەھەرلىك چېكىملىك قوللىنىدىغان كىشىلەرنىڭ، ھەر قېتىمدا يېڭى ئوكۇل يىڭنىسى ئىشلىتەلىشى كېرەك. ئۆزىنىڭ HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىدىن گۇمانلانغان كىشى دەرھال خالىغان دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتەلىشى كېرەك. بۇ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش شۇنداقلا تىزگىنلەش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ جەمىيەتتە سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئورۇنغا ئىگە بولۇشى كېرەك. مەنچە ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرىدىكى جەھەتلەردىكى ئورنى تۆۋەن بولغاچقا HIV ۋىرۇسى تېزلا يېيىلىۋاتىدۇ. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش ئۈچۈن بۇنداق بىر سىياسەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ دېگەن تەقدىردە، جەمىيەتتە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار بىللە ياشايدۇ، شۇڭا HIV ۋىرۇسى ئۇيغۇرلاردىن خىتايلارغىمۇ يۇقىدۇ. شۇڭا بىر دۆلەت بىر مىللەتكە قارشى قەستەن ۋىرۇس تارقىتىش سىياسىتى ئېلىپ بارمايدۇ دەپ ئويلايمەن."