ئۇيغۇرلار: 'ۋەتىنىمىزدىكى مۇنبەت يەرلەر بىڭتۇەننىڭ قولىدا، يېرى يوق ئۇيغۇرلار خىتاي ئېتىزلىقىدا ئىشلەۋاتىدۇ'

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈزلۈكسىز ھالدا، "بىڭتۇەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى چۆللۈكلەردە يېشىل بوستانلىقلارنى بەرپا قىلىپ يۈكسەك تەرەققىياتقا ئېرىشتى!" دەپ تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

0:00 / 0:00

ھالبۇكى، رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار ئۆز بايانلىرىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ مۇنبەت يەرلەرنىڭ "بىڭتۇەن" تەرىپىدىن ئىگىلىنىۋېلىپ، بۇ زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈنلۈكتە، كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن خىتايلارنىڭ ئېتىزلىقىدا ئىشلەشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاي ۋەزىيىتى ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغان بۇ 60 - يىلدىن بۇيان، رايونغا تۈركۈم - تۈركۈملەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكىگەن. ھالبۇكى، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى "بىڭتۇەن" دەپ ئاتالغان، يېرىم قوراللىق، يېرىم مەمۇرىيلاشقان، "ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى" بولسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچمەن يۆتكەش ھەم رايوندىكى مۇنبەت زىمىنلارنى ئىگىلىۋېلىشىدىكى ئاساسلىق تايانچ كۈچىگە ئايلانغان.

بىڭتۈەنگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بىڭتۇەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالى ھەم جەنۇبىدىكى دەريا ئېقىملىرىنىڭ باش مەنبەسى، مۇنبەت بوستانلىق، يايلاقلارنى ئىگىلىگەن. ئادەتتىكى ئەھۋالدا بىڭتۇەن تەۋەسىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى، رايوننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولغان.

ئىلگىرى خىتاينىڭ بىڭتۇەن تەۋەسىدىكى شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئىلشات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئىلگىرى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرغان ھاشار، پاختا تېرىشقا چىققىنىدا، بىڭتۇەننىڭ 8 - دېۋىزىيىسى بولغان شىخەنزىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئىگىلىگەن تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 40 - 50 مو، ھەتتا نەچچە يۈز موغا يېتىدىغانلىقىنى بىلگەن.

بىڭتۇەن ئىگىدارچىلىقىدىكى جايلاردا ئاساسەن زاراڭزا، پاختا قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەر، ئۈزۈم، قوغۇن - تاۋۇز، ئالما - ئۈرۈك قاتارلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەرلىك مېۋىلىرى كەڭ كۆلەمدە يېتىشتۈرۈلىدىغان بولۇپ، نەچچە يۈز مو يەردىكى پاختا، كەندىر، زاراڭزا قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى يىغىۋېلىشقا ئادەتتىكى ئائىلىلەرنىڭ كۈچى يەتمەيدىكەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىللاردا خىتاي دائىرىلىرى "ئەمگەك كۈچى يېتىشمەيدۇ" دېگەن باھانىدا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ يېڭى خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئەكىلىپ ئورۇنلاشتۇرغان. يېڭى كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرى بولسا، بۇ يەردە يەرلىشىپ بىڭتۈەنلەردىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ بارغانچە كۆپىيىشىدەك ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەن.

ئىلشات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 90 يىللاردا بىڭتۈەندىكى بەزى مىللىي كادىرلار جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېرى ئاز ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى، شىمالى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېرىلغۇ يەرلىرى كۆپ بولغان زېمىنلارغا كۆچۈرۈپ، رايوندىكى ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بۇ تەكلىپنى رەت قىلغان ئىكەن.

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە، خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇشىغا بولغان نارازىلىق كۈچەيگەندىن كېيىن، دائىرىلەر يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى، ھەر يىلى كۈز پەسلىدە بىڭتۇەننىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىگە پاختا تېرىش ھەم زاراڭزا تېرىشقا تەشكىللىمەكتە ئىكەن.

بۈگۈن رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ يېزىسىدا دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يېرى نەچچە ئون مو ھەتتا بەزىلەرنىڭ ئارانلا 2 - 3 مو يېرى بار بولۇپ، ھازىر ئۇلارنىڭ يېزىسىدىن ھەر يىلى كۈزدە نۇرغۇنلىغان ياشلار، تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن، بىڭتۇەن ئىگىدارچىلىقىدىكى جايلارغا پاختا، زاراڭزا تېرىشقا بارىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى "بىڭتۇەن " قۇرۇلغان بۇ 56 يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز ھالدا، بىڭتۇەننى كېڭەيتىپ، كۈچلەندۈرۈپ كەلمەكتە. بۇ يىل 5 - ئايدا ئېچىلغان "شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى"دىمۇ، "بىڭتۇەن"نى كۈچلەندۈرۈش ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، يىغىندا "ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم رايوندىكى بىڭتۇەن دېۋىزىيىلىرىگە 19 ئۆلكە ياردەم ياردەم بېرىش"، "رايوننىڭ ئىقتىسادىي سەۋىيىسىنى كۆتۈرۈپ، بىڭتۇەننى كۈچەيتىش ئارقىلىق رايوندا ئۇزۇن مۇددەت ئەمىنلىككە كاپالەتلىك قىلىش" شوئارى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.