
قەشقەر ھۆكۈمەت تورىنىڭ ھەر قايسى ناھىيىلەرگە ئائىت خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 10 - كۈنلىرىدىن باشلاپ قەشقەر دىيارىنىڭ ھەر قايسى يېزىلىرىدا كەڭ كۆلەملىك ھاشار ئەمگىكى قايتا باشلانغان بولۇپ، يېزىلاردا بۇ ھاشار "دەرەخ تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىش مەجبۇرىيەت ئەمگىكى" ۋە ياكى "سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى خالىسانە ئەمگىكى " دېگەن ناملار بىلەن دېھقانلارنىڭ زىممىسىگە ئارتىلغان بولسا، " لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ھەرىكىتى" نامىدا ھەتتا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى - ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ ئوخشىمىغان ئەمگەكلەرگە ھەقسىز، مەجبۇرىي ھالدا سېلىنماقتا ئىكەن.
" جەنۇبلاردا ھاشار ھېچقاچان تۈگىمەيدۇ"
پوسكام ناھىيىسىنىڭ ئۇچۇر تورىدىن ئاشكارا بولۇشىچە، 12 - مارت كۆچەت تىكىش كۈنى باھانىسىدا، ناھىيىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن گۈلباغ كەنتىدە 3000 كىشى كۆچەت تىكىشكە قاتناشقان. ئاقتام كەنتىدە مەكتەپ بالىلىرىدىن تارتىپ لېي فېڭدىن ئۆگىنىش ھەرىكىتى باھانىسىدا يېزا ۋە كەنت ھۆكۈمەت قورولىرىنى سۈپۈرۈپ تازىلاش ئەمگەكلىرىگە سېلىنغان.
شۇنىڭدەك، يېڭى شەھەر ناھىيىسى يېڭىشەھەر يېزىسىدىكى 1000 دىن ئارتۇق دېھقان 16 - مارت كۈنى كۆچەت تىكىش مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى ئەمدى تۈگەتكەن بولسا، 19 - مارتتىن باشلاپ مەزكۈر ناھىيىنىڭ ھەر قايسى يېزىلىرىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلار بۇ يىللىق سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ياساش سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇش ئەمگىكى ئۈچۈن ھاشارغا تۇتۇلۇشقا باشلىغان.
بىز مەزكۈر ئۇچۇرلارغا ئاساسەن يېڭىشەھەر ناھىيىسى ياپچىن كەنتلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، دېھقانلارنىڭ قانداق ھاشارغا سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئىگىلىدۇق، بىر كەنت كادىرى زىيارىتىمىز قوبۇل قىلىپ "جەنۇبلاردا ھاشار ھېچقاچان تۈگىمەيدۇ" دېدى.
بىز يەنە، ئەتىيازلىق تېرىقچىلىق بىلەن تەڭ كەلگەن ھاشارغا مەجبۇرلىنىۋاتقان دېھقانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن يېزىلاردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق،تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ ئىچىدە پوسكام ناھىيىسىدىكى بىر دېھقان ئايال بىلەن ھاشارنىڭ دېھقانلارغا ئېلىپ كېلىۋاتقان بېسىملىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشتۇق.
ھاشار ئەمگەكلىرى دېھقانلارغا جىسمانىي يۈك ۋە ئىقتىسادي بېسىم بولماقتا
بەزى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە نەچچە ئون يىلدىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ھاشار ئەمگىكىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىسمى ئۆزگەرتىلىپ مەجبۇرىيەت ئەمگىكى، خالىسانە ئەمگەك دەپ ئاتىلىۋاتقان بولسىمۇ، ھەر قانداق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھاشارلاردا دېھقانلار ھەقسىز ئىشلىگەندىن باشقا، يول ھەم كۈندىلىك تاماقلىرىنىڭ چىقىمىنىمۇ ئۆزلىرى چىقىرىۋاتقان بولۇپ،توختىماي داۋام قىلىۋاتقان ھاشار ئەمگەكلىرى دېھقانلارغا جىسمانىي يۈك بولۇپلا قالماي يەنە، ئېغىر ئىقتىسادي بېسىم بولماقتا.
ھاشار ئەمگىكى، ھەقسىز شۇنداقلا مەجبۇرلاش خاراكتېرىنى ئالغان بولغاچقا، ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئەمگەك قانۇنلىرىغا خىلاپ ھەرىكەت بولۇش بىلەن يەنە،ئۆز نۆۋىتىدە خىتاينىڭ ئەمگەك قانۇنىغىمۇ خىلاپ بولغان قىلمىش.
گەرچە خىتاي دائىرىلىرى 2004 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە دېھقانلار زىممىسىدىكى ھاشار ئەمگىكىنىڭ 2005 - يىلىنىڭ ئاخىرغىچە پۈتۈنلەي بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خەۋەرلەردىن ئاشكارىلانغىنىدەك شۇنداقلا ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن، دۇنيانىڭ باشقا ھېچقانداق جايىدا مەۋجۇت بولمىغان ھەقسىز ھاشار ئەمگىكى، ئۇيغۇر ئېلىدە بولۇپمۇ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ نوپۇسى ئاساسى نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا يەنىلا ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇپ، ئىزچىل داۋاملاشماقتا. (گۈلچېھرە)