ئۇيغۇر ھەيئىتى تۈركىيىنىڭ «دۇنيا بۇلتەنى» تور بېكىتىنىڭ مەركىزىنى زىيارەت قىلدى

ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ھامۇت كۆكتۈرك باشچىلىقىدا 5 كىشىلىك بىر ھەيئەت مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان تور ئۇچۇر مەجمۇئەسى - «دۇنيا بۇلتەنى» تور بېكىتىنىڭ مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.

0:00 / 0:00

2011‏-يىلى 12‏-ئاينىڭ 29‏-كۈنى «دۇنيا بۇلتەنى» تور بېكىتىنىڭ باشلىقى ئاكىف ئەمرى ئۇيغۇر ھەيئىتىنى ئىشخانىسىدا قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئۇيغۇر ھەيئەت ئاكىف ئەمرى ئەپەندىگە «دۇنيا بۇلتەنى» تور بېكىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى توغرىسىدا كۆپلەپ ئۇچۇر تارقىتىپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر تور بېكىتى ئەرەب تىلى، ئىنگلىز تىلى ۋە تۈرك تىلى قاتارلىق ئۈچ تىلدا تېز ئۇچۇر تارقىتىۋاتقان تور بېكەت بولۇپ، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپلەپ ئۇچۇر تارقاتماقتا.

akif-Emrige-uyghur-doppa-385.jpg
ھامۇت كۆكتۈرك باشچىلىقىدىكى 5 كىشىلىك ھەيئەت ئاكىف ئەمرىگە ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە سۈرەت ھەدىيە قىلدى. 2011-يىلى 29-دېكابىر، تۈركىيە. (RFA/Arslan)

زىيارەت جەريانىدا ھامۇتخان كۆكتۈرك ۋە تەلئەت ئۆزتۈرك قاتارلىق ئۇيغۇر ھەيئەت ئاكىف ئەمرى ئەپەندىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى ۋە ئاكىف ئەمرى ئەپەندىگە ئۇيغۇر دوپپىسى ھەم قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ رامكىغا ئېلىنغان چوڭ ھەجىملىك سۈرىتىنى ھەدىيە قىلدى. تەلئەت ئۆزتۈرك، ئۆتكەن ھەپتە قەشقەردە ئوت قۇيۇپ كۆيدۈرۈپ تاشلانغان نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە خانىقانىڭ ۋارىسلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئاكىف ئەمرىگە بۇ ھەقتە «دۇنيا بۇلتەنى» ئۇچۇر تارقىتىپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بۇ ۋەقەگە تارتقانلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە تەشەككۈر ئېيتتى.

دۇنيا ئۇچۇرلىرى ئۇچۇر مەجمۇئەسى «دۇنيا بۇلتەنى» تور بېكىتى يېقىندىن بۇيان زىيارەتچىلىرى ئەڭ كۆپ بولغان ۋە ئېتىۋارلىق ئۇچۇر تور بېكەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كىشىلەر مەزكۇر تور بېكەتنى زىيارەت قىلىدىكەن. ئاكىف ئەمرى ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن بىلىدىغان ۋە كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپلەپ ماقالە يازغان ژۇرنالىستتۇر. ئۇ ئىلگىرى «قانال 7 تېلېۋىزىيىسى» نىڭ مۇدىرى بولۇپ خىزمەت قىلغان، ھازىر «يېڭى شەپەق» گېزىتىدە قوشۇمچە ماقالە يېزىپ ئېلان قىلىپ كەلمەكتە.

بىز يەنە «دۇنيا بۇلتەنى» تور بېكىتىنىڭ مەركىزىنى زىيارەت قىلغان ئۇيغۇر ھەيئىتىدىن ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.