كارل گېرشمان ئەپەندى ماقالىسىگە "خىتاينىڭ كۆرۈنمەس جىنايەتلىرى؛ ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى كىم قوغدايدۇ" دەپ ماۋزۇ قويغان. ماقالە "ۋاشىنگتون پوچتىسى" گېزىتىنىڭ 5 - ئىيۇلدىكى سانىغا بېسىلدى.
كارل گېرشمان ئەپەندى ماقالىسىنى مۇنداق باشلىغان: "بىر يىل ئىلگىرى غەربىي رايون شىنجاڭنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار تىنچ يوسۇندا ئېلىپ بارغان نامايىشنى خىتاي ساقچىلىرى زوراۋانلىق بىلەن باستۇردى، لېكىن دۇنيا ماھىيەت جەھەتتە بۇ ئىشقا كۆز يۇمدى ". گېرشمان ئەپەندى ماقالىسىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى ئېلان قىلغان " دەردىمىزنى ئاڭلايدىغان كىشى بارمۇ؟" ناملىق دوكلاتنىڭ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"نىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىدىغان دوكلات بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن. 1 - ئىيۇل ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى " 5 - ئىيۇل ۋەقەسى" ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغان. ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىدا دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبەت يىغىنى چاقىرىلغان ئىدى.
گېرشمان ئەپەندى ماقالىسىدە يەنە، " 5 - ئىيۇل ۋەقەسى" نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى دېگەندەك، " غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەر" پىلانلىغان ھەرىكەت بولماستىن، بەلكى ئۇنى " 26 - ئىيۇن شاۋگۇەن ۋەقەسى" نىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە سىستېمىلىق نوپۇس كۆچۈرۈشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەكتەپلەردە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى، ئۇيغۇر تارىخىي كىتابلىرىنىڭ كۆيدۈرۈلگەنلىكى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى" دەپ ئاتالغان قەشقەر قەدىمى شەھىرىنى چېقىپ 200 مىڭ ئۇيغۇرنى كۆچۈرگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئۇ، ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: " بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمۇن شەرقىي ئېرۇسالېمدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ 22 ئېغىز ئۆيىنى چېقىش پىلانىنى " ئارىنى بۇزىدىغان ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھەرىكەت " دەپ ئاتىدى. ھالبۇكى، قەدىمىي قەشقەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە چېقىلىشى ۋە پۈتكۈل ئۇيغۇرلار دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلەرنىڭ ۋەيران قىلىنىشىغا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلغىنى يوق."
كارل گېرشمان يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىغا باشقىلارنىڭ دېگەندەك قۇلاق سالمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق يازغان: " ئېنىقكى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق نىدالىرى دەۋرىمىزدىكى سىياسىي كەيپىياتقا، ھەتتا ئۇلارنىڭ دىنداشلىرى بولمىش مۇسۇلمان دۇنياسىغىمۇ ماس كەلمەي قالدى."
ماقالىدە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى ئېلان قىلغان"5 - ئىيۇل" ھەققىدىكى دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە بەزى تەكلىپلەر بېرىلگەنلىكى، بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئاخبارات ئەركىنلىكى، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ۋە ئۈرۈمچى نامايىشىنى پەيدا قىلغان ئامىللارنى خىتاينىڭ قوبۇل قىلىشى ھەققىدە بېرىلگەن تەكلىپنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ماقالە مۇنداق ئاياغلاشقان: " ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋ خەلقئارا جەمئىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن يىلى ئىيۇلدىكى ۋەقەلەر ئۈستىدىن خەلقئارا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش كېرەك دېگەن مۇراجىئىتىنى قوللىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ئىجابىي دىئالوگ شەكىللەندۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك."
كارل گېرشمان ئامېرىكىدىكى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى. ئۇ، ئىلگىرى ئۇيغۇر دېموكراتىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق كۆرەشلىرىنى ئىزچىل قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.