شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چېگرا رايون مۇقىملىقىنى قوغداشتا ھەر دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە پارتكوملار چېگرا مۇداپىئە خىزمىتىنى بىر تۈرلۈك سىياسىي ۋەزىپە قىلىشى، بىڭتۇەن، چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى، ھەربىي ۋە ساقچىلار بىلەن ماسلىشىپ چېگرا مۇداپىئە خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن چېگرا مۇداپىئە خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش تەلەپ قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چېگرا مۇداپئەسىدە ئۇچراۋاتقان ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەت ھەم رىقابەتلەر ھەققىدە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ مۇلاھىزىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىغان پروگراممىدىن ئاڭلايسىلەر:
5 - قېتىملىق چېگرا مۇداپىئە خىزمىتى يىغىنى، شەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە مەركىزى ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى چېگرا مۇداپىئەسىگە مەسئۇل تارماقلارغا يېڭى خىزمەت ۋەزىپىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
يىغىنغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن، رەئىس نۇر بەكرى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ھەربىي رايون، بىڭتۇەن مەسئۇللىرى قاتناشقاندىن باشقا، لەنجۇ ھەربىي رايوننىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقى ۋاڭ جىنگو، دۆلەت چېگرا مۇداپىئە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، باش شىتاپ ئۇرۇش بۆلۈمى چېگرا مۇداپىئە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ما چىڭلېي قاتارلىقلارنىڭمۇ قاتنىشىپ مەخسۇس سۆز قىلغانلىقى، خىتاينىڭ مەزكۇر يىغىنىغا ئادەتتىن تاشقىرى جىددىي مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
جاڭ چۆنشەن يىغىندا سۆز قىلىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭنى ئەمىن تاپقۇزۇپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ، چېگرىنى مۇستەھكەملەش» تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، چېگرا مۇداپىئە قىسمى بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە تارماقلىرىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، بىڭتۇەن بىلەن خەلق ئەسكەرلىرى زىچ ماسلاشقان ھەربىي، ساقچى، ئەسكەر، خەلق تۆت تەرەپ بىر گەۋدە قىلىنغان بىرلەشمە مۇداپىئە مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەلتۈرۈشنى ۋە بىرلىكتە مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
جاڭ چۈنشەن يەنە ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرگە يېڭى ۋەزىيەتتىكى ۋەزىپىسىنى ئېنىق تونۇپ، چېگرا مۇداپىئەسىنى ياخشى ئىشلەشتەك تەخىرسىزلىكنى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن.
مەزكۇر يىغىندا جاڭچۈنشەن ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك خىتاي رەھبەرلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى خرسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئارقا - ئارقىدىن تىلغا ئالغان.
ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چېگرا مۇداپىئەسىگە قارىتا تەخىرسىزلىك، جىددىيلىك ئىپادىلىشىگە سەۋەب بولغان سىرتقى ۋەزىيەت ھەققىدە ئۆزىنىڭ مۇلاھىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى خەلقنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنىڭ ئېشىشى خىتاينى خاتىرجەمسىز قىلماقتا دەيدۇ.
خىتاينىڭ ئىچكى جەھەتتىن يۈزلىنىۋاتقان ۋەزىيەت ھەققىدە توختالغان دىلشات رىشىت، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە ئىلگىرى كەلگەن خىتاي كۈچمەنلەرنىڭمۇ ئوخشاش نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى بۇ يېڭى رىقابەت خىتايدا ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى مۇلاھىزە قىلدى :
يىغىندا تەكىتلەنگەن نۇقتىلاردىن «چېگرا مۇداپىئە قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى ۋە سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۈستۈرۈش، بولۇپمۇ ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ پەن تېخنىكا جەھەتتىن سەۋىيىنى كۈچەيتىش ۋە ئاممىۋى خىزمەتنى ئاساسي لىنىيە قىلىش، ئىجتىمائىي زىدىيەتلەرنى پەسەيتىشنى ۋە ھەل قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىش تەلەپ قىلىنغان. ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋە ئاممىۋى خىزمەتنى ئاساس قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش» تىن ئىبارەت مەسىلىلەر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتتا قىزىقىش قوزغىغان بولۇپ، ئۇ، بۇ نۇقتىلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى چېگرا مۇداپىئەسىدىكى ئاجىز نۇقتا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەندىشىسىنى ئاشكارىلاپ كۆرسىتىپ قويغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلدى:
ئۇيغۇر ئېلى 8 دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىدۇ، قۇرۇقلۇق چېگرا ئۇزۇنلىقى 5 مىڭ 600 كېلومتىرغا يېتىدۇ، ئۇيغۇر ئېلى جۇغراپىيىلىك ئورنى جەھەتتىمۇ، ئىستراتېگىيىلىك ئورۇن ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئەڭ مۇھىم دەرۋازىسى ھەم مۇھىم توسىقى دەپ قارايدۇ ۋە بۇ رايوننىڭ چېگرا مۇداپىئەسىگە ئادەتتىكى چېگرا مۇداپىئە قىسسملىرىدىن باشقا، ئۈچ مىليونغا يېقىن نوپۇسقا ئىگە ئالاھىدە كۈچ - بىڭتۇەننى تۇرغۇزغان. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش خىزمىتىنى چېگرا مۇداپىئەگە مەسئۇل تارماق ۋە بىڭتۇەن قىسىملىرىدىن باشقا يەنە يەرلىكتىكى ساقچى، پارتىيە، ھۆكۈمەتلەرگىمۇ سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە يۈكلىدى.