ئۇيغۇر ئېلىدىكى تىنچسىز ۋەزىيەت خىتاينىڭ رايوندىكى شىركەتلىرىنى ئەندىشىگە سالماقتا

ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى رايوندىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى رايوندىكى مۇقىم ۋەزىيەت ئىكەنلىكىنى تەتكىتلەپ كەلگەن ئىدى.

0:00 / 0:00


ئەمما ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلەشكەن خىتاي شىركەتلىرىمۇ يېقىندىن بۇيان خىتاي ئاخباراتلىرىغا بايانات بېرىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئالدى بىلەن رايوننىڭ تىنچ، مۇقىم ۋەزىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ،رايوندىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىشى، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ نارازىلىقى سەۋەبىدىن يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بۇيان رايوندا ئارقا - ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى رايوندىكى خىتاي شىركەتلىرىنىمۇ ئۆز بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي رادىئو تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا خىتاي نېفېت گۇرۇھىنىڭ ئاقسۇدىكى نېفىت - خىمىيە زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان خىتاي نېفىت گۇرۇھىنىڭ باش دېرىكتورى جۇۋ جىپىڭ سۆز قىلىپ،«خىتاي نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئاساسى نۇقتىسى بولغان ئۇيغۇر رايونى نېفىت شىركەتلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئالدى بىلەن رايوندىكى نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق ئېنىرگىيە زاپاسلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، بۇ رايوندىكى مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ،يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىقى سەۋەبىدىن يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك»لىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي رادىئو تورىنىڭ 9 - ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە،خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىدىن «مەركىزى كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش» ناملىق ھۆججەتنىڭ روھىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى،رايوندا مۇقىم، تىنچ ۋەزىيەتنى ساقلاپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بخىتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار ھەمدە چەتئەللەردىكى سىياسى ئانالىزچىلار، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي شىركەت خوجايىنلىرىنىڭمۇ رايوندا مۇقىم ۋەزىيەتنى تەكىتلىشى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ئارقا - ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇيغۇر ئېلىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر پىشقەدەم زىيالىي، ئۆزى تۇرغان جايدىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ يەرلىرىنى ئىگىلىۋېلىشى، رايوندا بارغانچە كۆپىيىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى، ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىنىۋاتقان مۇھىت قاتارلىق ئامىللارنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى بارغانچە كۆچەيتىۋاتقانلىقىنى، دائىرىلەرنىڭ بولسا مۇقىملىقنى تەكىتلەپ،رايوندىكى ساقچى ئەسكەر ۋە ھەر بىر يېزا - كەنت، مەھەللىلەردىكى ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشقا قويۇپ، بۇ ئارقىلىق رايوندا ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان تىنچ - تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى سىياسى ئانالىزچى ئېلشات ئەپەندى، خىتاي نېفىت گۇرۇھىنىڭ باش دېرىكتورى جۇ جىپىڭنىڭ «نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن دائىرىلەردىن رايوننىڭ مۇقىم ۋەزىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئارقىلىق يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش»نى تەلەپ قىلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، 2009 - يىلدىكى 5 - ئىيۇل نارازىلىق ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن يۈز بەرگەن خوتەن، قەشقەر،قاغىلىق، كورلا قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ساقچى - ئەسكەرلىرى ۋە خىتاي پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ رايوندىكى تاجاۋۇزچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىلا ئەمەس، بەلكى بۇ زېمىندىكى بايلىقتىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىمۇ ھەر ۋاقىت ئەندىشە ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تەيۋەندىكى سىياسى ئانالىزچى لىن باۋخۇا ئەپەندىمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى تەكىتلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختالدى.

لىن باۋخۋا ئەپەندى خىتاي شىركەتلىرى ۋە پۇقرالىرىنىڭ ئۆز بىخەتەرلىكىدىن ھەر ۋاقىت ئەندىشە ئىچىدە تۇرۇشىغا سەۋەب بولغان ئەسلى ئامىلنىڭ، باشقىلارنىڭ زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ھۆكۈمەت ۋە بۇ تاجاۋۇزچى ھۆكۈمەتنىڭ ھىمايىسى ئاستىدىكى كۆچمەنلەرنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولمىغان بۇ زېمىندا ھەر ۋاقىت ئۆز ھاياتى ۋە بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەش ئىچىدە ياشايدىغانلىقى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دىدى.

«ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى مەن ھېس قىلالايمەن. بولۇپمۇ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرى يەرلىك ئۇيغۇرلارنى خىتاي پۇقرالىرىنى ئۆلتۈردى دەپ خەۋەر بەردى. ئۇندىن كېيىنكى بىرقانچە قېتىملىق ۋەقەلەردە خىتاي پۇقرالىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز تەشۋىقاتلىرىدا بۇنى ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تېروررلۇق ھەرىكەتلىرى دەپ خەۋەر بەردى. ئەمما بۇ ئەسلى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ زىمىنىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگۈچىلەرگە بولغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى. چۈنكى1949 - يىلى خىتاي كوممۇنىست ئارمىيىسى ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىغا بېسىپ كىردى. ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ زېمىنىغا كەلگىنى يوق. 60 يىلدىن بۇيان تۈركۈم - تۈركۈملەپ خىتاي كۆچمەنلىرى بۇ زېمىنغا يەرلەشمەكتە. ئەسلى ئۇيغۇرلارغا تەۋە بولغان بايلىقلار خىتاي كوممۇنىست دۆلىتى ۋە بۇ ھاكىمىيەتتىن مەنپەئەتدار بولغان خىتاي كۆچمەنلىرى ئارقىلىق ئىگىلىۋېلىندى. رايوننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار بايلىقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغاندىن باشقا، باستۇرۇلۇشقا ئۇچراۋاتىدۇ، ئاسسىمىلياتسىيە بولىۋاتىدۇ. بۇنداق بولغان ئىكەن، ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە بولغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى توختىمايدۇ. ئۆزلىرىگە تەۋە بولمىغان بايلىقلارنى ئىگىلىۋالغان ۋە بۇ يەردىكى خەلقنىڭ تىرىكچىلىك مۇھىتىنىڭ تارىيىشىغا سەۋەبچى بولۇۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى تەبىئىي ھالدىلا يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىدۇ. ئەنە شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، بۇ زېمىندىكى خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا زەربە بېرىشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرسا، خىتاي شىركەتلىرى ۋە خىتاي پۇقرالىرى ھەر ۋاقىت ئۆز بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەش ئىچىدە ياشايدۇ».

مەلۇم بولۇشىچە، 2009 - يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، 2010 - يىلى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا «شىنجاڭغا ياردەم»نامىدىكى يىغىن ئېچىپ، خىتاينىڭ 19 ئۆلكە، شەھىرىدىكى خىتاي شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر ئۇيغۇر ئېلىگە مەبلەغ سېلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ 12 - بەش يىللىق پىلانى مەزگىلىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى شىركەتلىرى ئىچىدە پەقەت خىتاي نېفىت گۇرۇھىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە سالغان مەبلىغىلا 250 مىليارد سومغا يېتىپ،11 - بەش يىللىئق پىلان مەزگىلىدىكىدىن 20% ئاشقان. ئۇيغۇر ئېلىدىكى تىنچسىز ۋەزىيەتكە قارىتا دائىرىلەر رايوندا ئىقتىساتنى يۈكسەلدۈرۈش ئارقىلىق يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي شىركەتلىرىنىڭ رايوندىكى يەرلىك خەلقنىڭ زېمىنلىرىنى«ھالقىما تەرەققىيات رايونى قۇرۇش»نامىدا ئىگىلىۋېلىش ۋە خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بىرلىكتە رايونغا كېلىپ يەرلىشىۋاتقان يېڭى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپىيىشى، خىتاي زاۋۇت، شىركەتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا پەيدا قىلغان كېرەكسىز سۇ ھەم زەھەرلىك گازلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلى مۇھىتىنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشى قاتارلىق يېڭىدىن بارلىققا كېلىۋاتقان بىر قاتار مەسىلىلەر رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان.