ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مۇشۇ مىنۇتلاردا ...

بۇنىڭدىن 60 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە، يەنى 1948 - يىلى 10 - دېكابىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تەرىپىدىن بىرلىكتە خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسى ئېلان قىلىندى، بۇ خىتابنامىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قانۇن ئارقىلىق قوغدىلىشتەك يۈكسەك ئورۇنغا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

0:00 / 0:00

گەرچە ئاتمىش يىل مابەينىدە دۇنيا مىقياسىدا ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى مىسلىسىز تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ بارغانچە ياخشىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئىنسانلار ئارزۇسىدىكى ھەقىقىي تېنچ، ھەممە باراۋەر دۇنيانى بەرپا قىلىش تۈرلۈك توسالغۇلارغا دۇچ كەلمەكتە.

تېنچ ھەم باراۋەرلىكتە، ئۆز ‏ - ئارا ھۆرمەت قىلىنغان تەرەققىي قىلغان جەمئىيەتتە ياشاش، ئىنسانلار ئائىلىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، مەيلى جىنسىي مەيلى ئىرقىي ۋە دۆلەت تەۋەلىكى پەرقىگە قارىماي ئوخشاشلا ئۆزىگە خاس ئىززەت‏ - ھۆرمىتى، باراۋەر ھوقۇقلىرىنى ئېتىراپ قىلىش، سۆز ئەركىنلىكى، ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن بەھرىمان بولىدىغان، ۋەھىمە ھەمدە نامراتلىقتىن خالى بولىدىغان دۇنيانى بەرپا قىلىشقا بەل باغلىغان دۆلەتلەر 1948 - يىلى 10 - دېكابىردا دەل مۇشۇ ئورتاق ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كېلىشىپ، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسى ئېلان قىلدى ھەمدە بۇنى ھەقىقىي ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىش بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى دۇنيا مىقياسىدا ئىلگىرى سۈرۈشنى يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئەھدى قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىدى.

گەرچە ئاتمىش يىل بۇرۇنقى دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى بۈگۈنگە كەلگەندە زور تەرەققىي قىلىپ، ئەركىنلىك، باراۋەرلىك دۇنيانى قاپلاشقا باشلىغان بولسىمۇ، ھالبۇكى ئۇيغۇرلارنىڭ 2008 ‏ - يىلىدا يۈزلەنگەن ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزىلا، ئۇيغۇر دىيارى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنىڭ بارغانچە كەسكىنلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

مۇشۇ يېقىنقى كۈنلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارمۇ دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىنى تەبرىكلەۋاتقان مۇشۇ مىنۇتلاردىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن كەسكىنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

يەنى يېقىندا غۇلجىدا ئۈچىنچى پەرزەنتىگە ھامىلدار بولغان ئارزۇگۈل تۇرسۇن دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى قوغدىغۇچىلارنىڭ بېسىمى بىلەن مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسىدىن قۇتۇلۇپ قالغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان،مەخسۇس قانۇن قىلىپ بېكىتىلىپ قاتتىق قوللۇق بىلەن يۈرگۈزۈۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، يەنىلا سانسىزلىغان ئارزۇگۈللەرگە ھەم ئۇلارنىڭ تۇغۇلۇش ئالدىدىكى پەرزەنتلىرىگە زىيانكەشلىك قىلىشنى توختاتمىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېزىلارغىچە سىياسىي ئۆگىنىش دولقۇنى كۆتۈرۈپ، ئون بېشى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي، دىنىي بېسىمنى ئائىلىلەرگىچە ئېلىپ كىردى. ھەر بىر مەكتەپ، ئىدارە ‏ - ئورگان ھەتتا ئائىلىلەردىمۇ ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ماتېرىيالىنى ئۆگىنىپ ئۇنىڭدىن تەسىرات ئىپادىلەشكە مەجبۇر قىلىنماقتا.

قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇنىڭ بەزى يېزىلىرىدا مىڭلارچە دېھقان ھازىرمۇ ھاشارغا مەجبۇرلانماقتا. مەلۇماتلاردىن قارىغاندا،ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرى تۈپەيلى ھەجگە بېرىش، ھەتتا ھېيت نامىزىغا بېرىشىمۇ چەكلىمىگە دۇچ كەلمەكتە.

يېقىندا چىڭداۋدا ئوقۇۋاتقان بەش نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ھەددىدىن ئاشقان زوراۋانلىقىغا ئۇچراپ ئېغىر يارىلاندى. بىگۇناھ ئوقۇغۇچىلار ناھەق ھالدا،ساقچىلارنىڭ تەن جازاسىغا، كەمسىتىشىگە ھەمدە ئېغىر ھاقارىتىگە ئۇچرىغاندىن باشقا، ھەتتا مەكتەپ مەمۇرىنىڭ ۋەقەنى داۋراڭ سالماسلىقى ھەققىدىكى بېسىمىغا ئۇچرىدى.

توققۇز ئايلىقمۇ بولمىغان مۇجاھىت خىتاينىڭ زەھەرلىك سۈت پاراشوكىدىن زەھەرلىنىپ بۆرىكىدە تاش پەيدا بولۇپ ئوپېراتسىيە قىلىندى،ئەسلى ھۆكۈمەتنىڭ تۆلەم بېرىشكە تېگىشلىك بولغان داۋالاش چىقىملىرىنى جۇغلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاتا ‏ - ئانىسى غەمدە كىرپىك قاقمىغىلى قىرىق كۈندىن ئاشتى.

خىتاينىڭ ئاچقان قوش تىل مەكتەپلىرىدە، قوش تىل يەسلىلىرىدە ئۇيغۇر بالىلىرى ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلەشتىن مەھرۇم، ئۇيغۇرلار ئۆز ھالىنى، راست سۆزىنى سۆزلەشتىن مەھرۇم قالماقتا. مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ مىنۇتلاردا يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى.

ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرىنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىشنى، دۇنيانىڭ ئېقىمىغا ماس ھالدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئەڭ نازۇك مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى قىلغان مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر دېموكراتىيە ھەم كىشىلىك ھوقوق فوندى گەرچە قۇرۇلغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆزىنىڭ رولىنى تونۇتۇۋاتقان تۇنجى خەلقئارالىق ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى ھېسابلىنىدۇ.

بىز خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەتتە بولدۇق.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، " ھەر بىر ئىنسان كىشىلىك قەدىر ‏ - قىممەت ۋە ئادالەتتىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق" نى، بۈگۈنكى دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدىكى تەشۋىقات باش تېمىسى قىلدى.

دۇنيادا ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسى ئېلان قىلىنىپ ھازىرغىچە بولغان 60 يىل مابەينىدە، بۇ خىتابنامە ئۇيغۇر تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 360 خىلغا تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلغان.

دۇنيانىڭ ھەر قانداق جايىدىن ئىنسانلار كۆرۈش، ئاڭلاش ۋە باشقا خىل ۋاستىلەر بىلەن ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئەركىنلىك ھەم ھوقوقىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ قانۇنىي دەستۇردىن خەۋەردار بولالايدىغان بولسىمۇ، ئەپسۇس ئاساسىي ھەق - ھوقۇقلىرى، ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىغاندىن سىرت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي، دىنىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي جەھەتلەردىن قاتتىق دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا ئىنسان ھەقلىرى دېگەن ئۇقۇمدىن شۇنداقلا بۈگۈنكى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىنىڭ ئەھمىيىتىدىنمۇ خەۋەرسىز بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلار ھەتتا تور بەتلەر ئارقىلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تور بەتلىرىگە كىرىپ، بۇ خىتابنامىدە دېيىلگەن ئۆز ھوقوقىنى تونۇش پۇرسىتىدىنمۇ مەھرۇم قىلىنغان.