ئوغلىنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇر قويغان تۈرك ئانا بىلەن سۆھبەت

تۈرك خەلقى ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىنىڭ "قان قېرىنداش، تىل، دىن، مەدەنىيەت ئۆرۈپ ئادەت ۋە تارىخىمىز بىر" دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچىدە 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەن ۋاقىتتا تۈركىيىنىڭ پۈتكۈل شەھەرلىرىدە تۈركلەر كوچىلارغا چىقىپ، ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى ئىپادىلەپ، خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ بارغان ئىدى.

0:00 / 0:00

تۈركلەرنىڭ ئازادلىق ئۇرۇشلىرىدا ئاياللار ئالاھىدە رول ئوينىغانلىقى ۋە زەمبىرەك ئوقلىرىىنى مۇرىسىدە توشۇپ ئالدىنقى سەپكە ئېلىپ بېرىش جەرىيانىدا شەھىد بولغان ۋە قەھرىمانغا ئايلانغان نۇرغۇن تۈرك ئاياللار تارىخ سەھىپىسىگە يېزىلغان، ئەنە شۇ تۈرك ئاياللارنىڭ قەھرىمانلىرىنى ھازىرقى زاماندىمۇ ئۇچرىتالايمىز.

5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئەسنادا ئىستانبۇلدا بىر ئوغۇل بالا توغۇلغان بولۇپ، بۇ بوۋاقنىڭ ئانىسى ئوغلىغا ئۇيغۇر دەپ ئىسىم قويغان. ئۇيغۇر ئىسىملىك بۇ بالا ھازىر بىر ياشتىن ئاشقان بولۇپ، چىراي شەكلى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايىغا ئوخشاپ كېتىدىكەن.

بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر بالىنىڭ ئانىسى سۇناي خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئوغلىغا ئۇيغۇر دەپ ئىسىم قويغان سۇناي ئىسىملىك ئايال ئالدى بىلەن ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: "مېنىڭ ئىسمىم سۇناي تاھماس كالىجى، ئىستانبۇلدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولدۇم، تۈرك مىللەتچى ئاياللار تەرىپىدىن قۇرۇلغان، 'ئالى تۇرنا ئاياللار جەمئىيىتى'نىڭ رەئىسى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىمەن، يولدىشىم يۈكسەل كالىجى، ئىستانبۇل ئۆلكە ئۇجاقلىرى جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى، ئۆچ پەرزەنتىم بار، ئىسىملىرى، ئايبۈكى، ئايبالا ۋە ئەڭ كىچىكىنىڭ ئىسمى ئۇيغۇر."

bowaq-Uyghur-we-turk-anisi-1-305
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻙ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺳﯘﻧﺎﻱ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﯞﻩ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، ﺳﯩﻴﯩﺖ ﺗﯘﻣﺘﯜﺭﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ. (RFA Photo / Arslan)

سۇئال: ھۆرمەتلىك سۇناي خانىم، نېمە ئۈچۈن ئوغلىڭىزغا ئۇيغۇر دېگەن ئىسىمنى قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردىڭىز ؟

جاۋاب: مەن پەرزەنتىمنىڭ ئوغۇل تۇغۇلىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن مۇۋاپىق ئىسىم ئىزدەشكە باشلىدىم، ئۈزۈن زامان ئىزدىنىپ ئوغلىمىزغا مۇۋاپىق بىر ئىسىم تاپالمىدۇق. ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن ئوغلۇم تۇغۇلۇشتىن بىر ئاي ئىلگىرى يەنى 2009 ‏- يىلى 7 ‏- ئايدا شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر تۈركلىرى ئۈستىدىن قەتلىئاملار ئېلىپ بېرىلدى. مەن ئۇ مەزگىللەردە ئېغىرئاياغ بولغانلىقىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىدا ئۆيدە ئولتۇرۇپ داۋاملىق تېلېۋزىيە قاناللاردا ۋە كومپيۇتېردا ئىنتېرنېت ئارقىلىق بۇ قەتلىئاملارنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇم ۋە يىغلىدىم. شۇ ۋاقىتتا ئوغلۇمنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇر قۇيۇش ئەقلىمگە كەلدى ۋە شۇنداق ئويلىدىم. خۇدايىم بۇيرىسا بىر كۈنى مېنىڭ ئوغلۇم چوڭ بولىدۇ، ئۇيغۇر بالىسى بولىدۇ، ئىسمى ۋە جىسمى ئۇيغۇر بولۇپ ياشايدۇ ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ياردەم قىلىدۇ. ئوغلۇم ھايات ياشىغان زامانلاردا، كىشىلەر ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن ئىسمىڭ ئۇيغۇر دەپ سورىسا، 2009 ‏- يىلى 7 ‏- ئايدا قەتلى قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى كىشىلەرگە ئاڭلاتسۇن ۋە ئۇ يەردە شەھىد بولغانلارنى ئەسلىتىش ئۈچۈن ئانام ئىسمىمنى ئۇيغۇر قويۇپتىكەن دېسۇن دەپ ئويلاپ ئۇيغۇر دېگەن ئىسىمنى قويدۇم. بۇ ئىسىم بىلەن ھەم شەھىدلەرنى ئەسلىتىدۇ، يۈز بەرگەن قەتلىئاملارنى ئوغلۇم ھاياتلا بولىدىكەن ئوغلۇمنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغان ھەر بىر كىشى ئۇ قەتلىئامنى ئونۇتمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئوغلۇمنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇر قويدۇم. خۇدايىم بۇيرىسا، چوڭ بولغاندا، تۈرك مىللىتىگە پايدىلىق بىر ياش بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ، ئۆزى ئۇيغۇر تۈركىي بولمىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مىللىي دەۋاسىدا، كۈرەشلەرگە باشچىلىق قىلىدۇ. مەنمۇ شۇ كۈندە ئىسمىغا لايىق ئۇيغۇر ئوغلۇم بىلەن ئۆزەمنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىمەن.

سۇئال : ھۆرمەتلىك سۇنايخانىم، سىزنىڭ ئۇيغۇرلارغا دېمەكچى بولغان باشقا سۆزىڭىز بارمۇ؟

جاۋاب: مەن ئۈچۈن نەدە ياشىغان بولساق بۇنىڭ ھېچ قانداق ئەھمىيىتى يۇق، مەن ئىستانبۇلدا تۇغۇلدۇم، ئەمما مەن ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندا توغۇلغان تۈركلەر، كېركۈكتە توغۇلغان تۈركلەر، قاراباغدا توغۇلغان تۈركلەر، پۈتكۈل دۇنيادىكى تۈركلەر بىر قېرىنداش. ئۇلارنىڭ قايغۇ ‏- ھەسرەتلىرى، بىزنىڭ قايغۇلىرىمىز، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقلىرى بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى بىلسۇن، بۇ يەردە ئۇلار ئۈچۈن يىغلاۋاتقان، ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىۋاتقان ۋە ئۇلار ئۈچۈن نامايىش قىلىۋاتقان تۈركلەر بار. خۇدايىم بۇيرىسا ئۇلار قىسقا زاماندا ئازادلىققا ئېرىشىدۇ ۋە مۇستەقىل بىر تۈرك دۆلىتى قۇرۇپ دۇنيادىكى دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. ھاياتلا بولىدىكەنمىز ھەر زامان ئۇلارنىڭ يېنىدا بولىمىز. بىزدىن كېيىن كەلگەن ئەۋلادلارغا خىتاينىڭ ئېلىپ بارغان زۇلۇم ۋە قەتلىئاملىرىنى ئاڭلىتىشنى داۋام قىلىمىز. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا بولۇش بىز ئۈچۈن شەرەپ. ئۇلار ئۆزلىرىنى يالغۇز دەپ ھېس قىلمىسۇن، بۇ يەردە ئۇلاردىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا ئۇلارنى ئويلايدىغان، ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىۋاتقان تۈرك قېرىنداشلىرى بار. ئۇلار بۇنى بىلسۇن ۋە ئۇلارغا سالام يوللايمەن.

بىز يەنە بۇ ئۇيغۇر ئىسىملىك بالىنى زىيارەت قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۇمتۈركنىڭ پىكىر قاراشلىرىنى ئالدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.