جاسۇس گۇماندارى بابۇر مەخسۇت ھەققىدە مەلۇماتلار(1)

شۋېتسىيىدىكى ئالاقىدار تارماقلار بۈگۈن، ئۆتكەن ئايدا قولغا ئېلىنغان جاسۇس گۇماندارىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىدى. ئاشكارىلىنىشىچە، گۇماندارنىڭ ئىسمى بابۇر مەخسۇت، مىللىتى ئۇيغۇر، يېشى 61 ياش.

0:00 / 0:00

جاسۇس گۇماندارى بابۇر مەخسۇت، ئۆتكەن ئايدا ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقان. يىغىندىن قايتقاندىن كېيىن، جاسۇسلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان نەق مەيداندا قولغا ئېلىنغان.

شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتى ۋە جامائىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جاسۇس گۇماندارى بابۇر مەخسۇت، قولغا ئېلىنغانغا قەدەر جامائەت ئىچىدە گۇمانلىق سۆز ، ھەركەتلەردە بولمىغان؛ ئەكسىىچە جامائەت بىلەن ئىناق - ئىتتىپاق ئۆتكەن. ئۇ ھەتتا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مىللىي ھەر - كەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن ئىشتىراك قىلغان.

ئۇ ئۆتكەن ئايدا ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 3 ‏- قېتىملىق قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، بابۇر بۇ قېتىمقى يىغىنغا مېھمان ۋەكىل سۈپىتىدە قاتناشقان.

جاسۇس گۇماندارى بابۇر مەقسۇت، ۋاشىنگتون سەپىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ۋە خەلقئارا قەلەم مەركىزىنىڭ تەپتىشى ئابدۇرىشىت كېرىمى بىلەن بىر ئايروپىلاندا ئولتۇرغان.

ۋاشىنگتوندىكى يىغىندا، بابۇر مەقسۇت بىلەن بىر ياتاقتا ياتقان، ھەم بابۇرنىڭ كونا تونۇشلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇرىشىت ھاجى كېرىمى بابۇر ھەققىدىكى بىلگەنلىرىنى جامائەتكە يەتكۈزدى.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، يۇقىرىدا بىز سىلەرگە جاسۇس گۇماندارى بابۇر مەقسۇت ھەققىدە جامائەتتىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزنى يەتكۈزدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.