نۆۋەتتىكىدەك ئېچىۋېتىلگەن بىر دەۋىردە، ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ چەتئەللەرگە يۆتكىلىشى،ئىنتىلىش ھەمدە ئېھتىياجنىڭ تۈرتكىسىدە تەبىئىي ھالدا شەكىللەنگەن يەر شارى خاراكتېرلىك بىر ئىجتىمائىي ھادىسە. "دۇنيا كىچىكلەپ كەتكەن"بۈگۈنكى كۈندە ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارمۇ يەر شارى خاراكتېرلىك ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ بۇ خىل ئېقىش دولقۇنغا قېتىلدى. ئەمما، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ دولقۇنغا قېتىلىشى تېخىمۇ مۇرەككەپلىككە ئىگە.
بولۇپمۇ، - 5 ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي بېسىمى ھەسسىلەپ كۈچەيتىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئامال ئىزدەپ چەتئەللەرگە چىقىۋاتقان ۋە شۇ ئارزۇدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىنلا پەۋقۇلئاددە كۆپەيگەنلىكى مەلۇم. گەرچە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھەر ساھەلەردىكى يېتىشكەن شۇ مىللەت ئىلغارلىرىنىڭ، سەرخىللىرىنىڭ چەتئەللەرگە يۈزلىنىشىنى پەقەت "ئەركىنلىك ئۈچۈن" دەپ بىر سۆزگە يىغىنچاقلىيالمىساقمۇ، بۇ خىل ئېقىشنىڭ پەقەت ئېھتىياج ياكى ھەۋەستىنلا ئەمەسلىكى، شۇنداقلا بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قوللىنىلىۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي، دىنىي بېسىملىرىنىڭ بەلگىلىك رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ.
ئەمما، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدا يادرولۇق رول ئويناۋاتقان، ئۇيغۇرلارنى ئاڭ جەھەتتىن يېتەكلەۋاتقان بىر قىسىم سەر خىللارنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان " كۆڭۈل سۇ ئىچمىگەنلىكتىن ۋەتەننى تاشلاپ چىقىپ كېتىش " ھادىسىسى بولسا، ۋەتەن ئىچى ھەم سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇنازىرە دولقۇنى ھاسىل قىلغان بىر جىددىي مەسىلىگە ئايلاندى.
مەزكۇر مەسىلىنىڭ ھەر ساھە كىشىلىرىدە ئۆزگىچە يەشمىسى بار.
" ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە مەن " تېمىسىدىكى مۇلاھىزە مەيدانىمىزغا ئاۋۋال، تۈركىيە ئىېگە ئۇنىۋېرستېتى پروفېسسورى، دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنى تەكلىپ قىلىمىز:
ھۆرمەتلىك ئالىمجان ئەپەندى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ، ھەر ساھەدە كۆزگە كۆرۈنگەن كىشىلىرىنىڭ چەتئەللەرگە يۈزلىنىشى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە نىسبەتەن قانداق بىر ھادىسە ؟
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم بۇ خىل ئىلغار كىشىلەرنىڭ چەتئەللەرگە يۈزلىنىشىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان ئىجابىي ھەم سەلبىي تەسىرلىرىگە قانداق قارايسىز؟
ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە مەن تېمىسىدىكى مۇلاھىزىمىز داۋاملاشماقتا،ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ قەلب سۆزلىرىنى،جەمئىيەتكە، ھۆكۈمەتكە، سىياسەتكە بولغان نارازىلىقلىرىنى كۈلدۈرگە ئېتوتلىرى ئارقىلىق سەھنىگە چىقىرىپ، يۇمۇرلۇق تىلى بىلەن بولمىغۇر ھادىسىلەرنى قامچىلاپ بىر مەھەل ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتقان ئۇيغۇر سۆزمەنلىرىدىن، نۆۋەتتە گېرمانىيىدە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىنى تەكلىپ قىلىمىز.
قەدىرلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، " ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە مەن " تېمىسىدىكى مۇلاھىزىمىزنى بۈگۈن ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇ يەردە ياپماقچىمىز، كېيىنكى قېتىملىق ئاڭلىتىشلىرىمىزدا يەنە مۇشۇ تېمىدا ئۇيۇشايلى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.