"ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە مەن" (3)

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق باستۇرۇشى شۇنداقلا خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى ئېتنىك زىددىيەتنىڭ ئۆتكۈرلىشىشىگە ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتى ھېلىھەم جىددىي ھالەتتە. گەرچە تولۇق ستاتىستىكا بولمىسىمۇ، ئەمما يېڭىدىن چەتئەللەرگە چىقىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، ئۇشبۇ جىددىي ۋەزىيەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن چەتئەللەرگە كېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان ھەم شۇنداق ئويلاۋاتقان كىشىلەر بارغانچە كۆپەيمەكتە. ئۇيغۇرلاردىكى مەجبۇرلىنىش سەۋەبلىك بۇ خىل چەتئەللەرگە ئېقىش مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۆرسىتىدىغان ئىجابىي ھەمدە سەلبىي تەسىرلىرى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ئويلاندۇرماقتا.

0:00 / 0:00

سالام ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە مەن تېمىسىدىكى مۇلاھىزە مەيدانىمىزغا خۇش كەلدىڭلار، بۈگۈن بۇ مۇلاھىزىمىزگە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ھەمدە سىرتىدىكى تونۇلغان ئۇيغۇرلاردىن، ئۇيغۇر خەلقىگە شان - شەرەپ ھەم روھىي ئىلھاملار بېغىشلاپ كېلىۋاتقان پەلەك شاھى ئادىل ھوشۇر ئەپەندى ۋە يەنە، مەيلى ئانا يۇرتى ياكى ياقا ئەللەردە بولسۇن، تەپەككۈر ھەم قەلىمى بىلەن خەلقىگە خىزمەت قىلىشنى توختاتماي كېلىۋاتقان ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىدىن، تۈركىيىدە ياشاۋاتقان شائىرە سېيتنىسا لوقمان خانىم بىلەن كانادادا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان شائىر تۇيغۇنجان ئابدۇۋەلىلەرنى تەكلىپ قىلدۇق.

ئالدى بىلەن كامالەتكە يەتكەن دارۋازلىق ماھارىتىنى كۆپ قېتىم چەتئەللەردە نامايان قىلىش جەريانلىرىدا چەتئەللەردە قېلىپ راۋاجلىنىش،ئەتىۋارلىنىش پۇرسەتلىرىنى تاللىماي، يەنىلا ئانا ماكانى ھەم خەلقىنىڭ قۇچىقىغا قايتقان پەلەك شاھى ئادىلنىڭ ئۆزىنى يۇرتىغا باغلاپ تۇرغان سەۋەبلىرىنى سوراپ كۆرەيلى :

ئەمدى بىز، قەلەمگە ئالغان ھەر بىر مىسرا، ھەر بىر سۆزلىرىدە ۋەتەن، خەلقىگە بولغان سېغىنىشىنى ئىپادىلەپ، ئون يىللاردىن بېرى جىسمى تۈركىيىدە بولسىمۇ، روھى ۋەتىنىگە ھەر سېكۇنت، ھەر مىنۇت تەلپۈنۈپ تۇرغان شائىرە سېيتنىسا لوقمان خانىمنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرىگە ئورتاقلىشايلى:

سېيىتنىسا لوقمانغا ئوخشاش خەلقنى ئويغىتىش يولىدا ۋەتەندە ئىزتىراپ چەككەن، ھازىر بولسا چەتئەللەردە ھىجرەت چېكىۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى، قەلەم ھەم زېھنى كۈچىنى چەتئەللەردە داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە ئاتىغان. كانادادا ھىجرەتتە تۇرۇۋاتقان تۇيغۇنجان ئابدۇۋەلىمۇ شۇنداق شائىرلارنىڭ بىرى، تۇيغۇنجان، مەزكۇر مەسىلىگە سىز قانداق قارايسىز؟

مۇلاھىزە مەيدانىمىزدا پىكىر بايان قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ ئېيتقانلىرىدەك، ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ سىرتلارغا ئېقىشى ھەم ئۇنىڭ تەسىرلىرى مەسىلىسى مۇنازىرە تەلەپ قىلىدىغان، ئىتايىن كۆپ تەرەپلىمىلىككە ئىگە بىر مەسىلە، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەر بىرىڭلاردا بۇنىڭغا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارنىڭ بولۇشى تەبىئىي. شۇڭا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە مەن تېمىسىدا ھازىرلىغان مۇلاھىزە مەيدانىمىز ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەر ئۈچۈن دائىما ئوچۇق. ھەمسۆھبەتتە بولغانلىقىڭلارغا رەھمەت.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.