ئەكسىچە قىلغانلار ئۇنىڭ جازاسىنى مۇشۇ دۇنيادىلا تارتىدۇ. چۈنكى خاراكتېرى يامان، ئاتا - ئانىسىنى قاخشاتقۇچى بالىنىڭ ئاتا - ئانىسىغا كەلتۈرىدىغان دەرد- ئەلەملىرى ھەممىدىن ئېغىر بولىدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇراھمان ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
ئابدۇراھمان ھاجىم بىلەن سۆھبەت
ئابدۇراھمان ھاجىم ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بالا تەربىيىلەشتىكى بەزى سەلبىياتلار ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى: " ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۆپلىگەن ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىنى بىلىم ئېلىش، ئەدەپ - ئەخلاق ئۆگىنىش، ھۈنەر - كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە ياراملىق بىر ئىزباسار قىلىپ چىقىش ئۈچۈن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىۋاتقان بولسىمۇ، بىر قىسىم كىشىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى ئويلاشماي" دېھقاننىڭ بالىسى دېھقان بولىدۇ، دېھقاننىڭ بالىسى قانچىلىك ئوقۇغان بىلەنمۇ بەرىبىر كەتمەن چاپىدۇ"دەپ ئۇلارنى بىلىم ئىگىلەش، ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى توغرا يولغا باشلاش لاياقىتىدىن مەھرۇم قالدۇرماقتا، پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەشتىكى مەسئۇلىيىتىگە سەل قاراپ كەلمەكتە. بەزى ئاتىلار ئوقۇش يېشىدىكى بالىلىرىنى بىلىم ئېلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇلارنى تىرىكچىلىك ئىشلىرىغا شېرىك قىلىۋالىدۇ، ياكى مەكتەپكە بەرمەي ياكى ياخشى بىر ھۈنەر - كەسىپ ئۆگەتمەي، ئۇلارنىڭ بالىلىق چاغلىرىنى ئەرزىمەس مەشغۇلاتلار بىلەن نابۇت قىلماقتا. بۇ قىسمەن ئاتا - ئانىلاردىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك بولۇپ، ئۇلار بۇ مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاتا - ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تەكىتلەپ:" بىلىڭلاركى! سىلەر ھەممىڭلار خۇددى چوپانغا ئوخشاش مەسئۇلىيەت ئىگىسىسىلەر، ھەممىڭلار قول ئاستىڭلاردىكىلەردىن مەسئۇلسىلەر." دەپ كۆرسەتكەن. يەنى ھەر كىشى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەردىن، خۇددى چوپان پادىلىرىدىن مەسئۇل بولغاندەك مەسئۇلدۇر. پادىلارنى زايا قىلىۋەتمەستىن، ياخشى مۇھاپىزەت قىلىپ، ئوبدان بېقىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلغان چوپان خوجايىنىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندەك، ئۆز ئائىلىسىدىكىلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلىپ، ئۇلارنى ياخشى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن ئاتا- ئانىمۇ ئاللاھنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ، ئەكسىچە ھالدا جازاغا يولۇقىدۇ، دېگەنلىكتۇر".
قىزلارنىڭمۇ ئوقۇپ بىلىم ئېلىشى زۆرۈردۇر
ئابدۇراھمان ھاجىم قىسمەن كىشىلەرنىڭ ئوغۇل بالىلىرىنى پۇلغا چىداپ ياخشى ئوقۇتۇپ، قىز بالىلىرىنى " قىز بالا دېگەن ھامان تالانىڭ ئادىمى" دېگەن ئېتىقادتا ئۇلارنىڭ تەربىيىسى ۋە ئوقۇپ بىلىم ئېلىشىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىكىنىڭ خاتالىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ:" ئوقۇپ بىلىم ئېلىش قىز - ئوغۇل ھەممىنىڭ ئورتاق ھەققى. قىز بىلەن ئوغۇل ھۆرمەتتە ۋە بارلىق ھەق - ھوقۇقلىرىدا باراۋەردۇر. قىزلارنى ئوغۇللاردىن تۆۋەن ساناش ئۆتمۈشتىكى قالاق ئەرەبلەرنىڭ ناچار ئەخلاقلىرىدىن بىرى بولۇپ، مۇنداق قىلىش ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى قاتتىق سۆككەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام "بىلىم ئېلىش مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن ھەر قانداق مۇسۇلمانغا پەرزدۇر" دەپ كۆرسەتكەن. ھەدىسنىڭ روھىغا ئاساسەن، قىزلارنىڭمۇ بىلىم ئېلىشى خۇددى ناماز ئوقۇ ش، روزا تۇتۇشلارغا ئوخشاشلا پەرزدۇر. پەرز بولغاندىمۇ ئومۇمغا مەنپەئەتلىك بولغان ئالاھىدە چوڭ بىر پەرزدۇر. چۈنكى ئىبادەتلەر ئۇنى ئورۇندىغان كىشىنىڭ ئۆزى ئۈچۈنلا پايدىلىق. ئەمما بىلىم ئېلىش مىللەتكە، ۋەتەنگە، شۇنداقلا ئومۇمغا پايدىلىق ئىشتۇر. قىسمەن كىشىلەرنىڭ مۇنداق ئومۇمغا مۇناسىۋەتلىك بىر پەرزنى تەرك ئېتىپ، بۇ پەرزنى ئورۇنداشقا تېگىشلىك پۇل خەجلەشكە بېخىللىق قىلىپ تۇرۇپ، ھاجى ھەرەم بولغىنىنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن؟! ئەپسۇسكى بەزى كىشىلەر بالىسىنى ئوقۇتۇشقا تۆلەشكە چىدىمىغان پۇلىنى پاسپورت ئېلىشقا پارا بېرىش ئۈچۈن ئىككىلەنمەستىن خەجلەيدۇ. ھالبۇكى، ھەج دېگەن ھەج سەپىرىگە قادىر بولالىغان ۋە پارا بەرمىسىمۇ يولى ئوچۇق بولغان ئادەمگە پەرز بولىدۇ. يوللۇق ھالدا پاسپورت ئالالمىغان كىشىگە ھەج پەرز ئەمەس. ئاللاھ تائالا ئۇنى نېمە ئۈچۈن پارا بېرىپ بولسىمۇ پاسپورت ئېلىپ ھەج قىلمىدىڭ دەپ جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ."
پەرزەنت تەربىيىلىگەننىڭ ساۋابى ئۆلگەندىن كېيىنمۇ يېتىپ تۇرىدۇ
ئابدۇراھمان ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئەقىللىق كىشىلەر بار پۇلىنى پەرزەنتلىرىنىڭ بىلىم ئېلىشى ۋە كېلەچەكتە خەلقى ئۈچۈن، ۋەتىنى ئۈچۈن ياراملىق ئادەم بولىشى يولىدا خەجلەيدۇ. چۈنكى ئەسقاتىدىغىنى شۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە:" ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ پۈتۈن ئەمەللىرى توختايدۇ. پەقەت ئۈچ ئىشتىنلا ئۇنىڭغا ساۋاب يېزىلىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ قىلىپ كەتكەن ئومۇمغا پايدىلىق ئىشى، ئىككىنچىسى، خەلققە مەنپەئەتلىك ئىلىم، ئۈچىنچىسى، ياخشى تەربىيىلەپ قويغان بالا" دەپ كۆرسەتكەن. دېمەك ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇپ، خەلققە مەنپەئەتلىك ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرەلىسە، بۇ قىلغىنىنىڭ ساۋابى ئۇ كىشى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ يېتىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن ئارتۇق ئۇتۇق بولامدۇ؟!"