5 - ئىيۇلدا قولغا ئېلىنىپ تۈرمىدە ئۆلگەن ئىگە ‏- چاقىسىز مەھبۇسلارنىڭ جەسىتى كۆيدۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش، باستۇرۇش بولۇپمۇ 5 - ئىيۇل جىنايەتچىلىرى نامىدا تۇتقۇن قىلىش، جازالاش ھەرىكىتى ھېلىھەم داۋام قىلماقتا.

0:00 / 0:00

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىن گوللاندىيىگە چىقىپ ئورۇنلاشقان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ بەرگەن ئۇچۇرىغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك دائىرىلەردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ‏5 - ئىيۇلدا تۇتقۇن قىلغان ئۇيغۇرلارنى قاتتىق قىيىن ‏- قىستاققا ئېلىپ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتلەردىن ئىنتايىن زور زەخمىگە ئۇچرىتىۋاتقانلىقى، ھەتتا مەھبۇسلارنىڭ جەسىتىنىمۇ ئېغىر شەرتلەر بىلەن ئائىلىسىگە قايتۇرۇۋاتقانلىقى، ئىگە ‏- چاقىسىز جىنايەتچىلەر جەسىتىنىڭ بولسا، ھەتتا مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقاد، دەپنە ئادەتلىرىگە ھەم ئىنسان ھەقلىرىگە خىلاپ ھالدا كۆيدۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئالدىنقى پروگراممىمىزدا، گوللاندىيىدە پاناھلانغان بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ ئۆز ئائىلىسىدىن ئۈچ كىشىنىڭ ‏5 - ئىيۇل ۋەقەسى جەريانىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە تولۇق بولمىغان مەلۇماتلارنى ئاڭلاتقان ئىدۇق شۇنداقلا بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، ئۈرۈمچىدىكى دائىرىلەرگە قىلغان تېلېفونىمىزدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5 - ئىيۇلدىن كېيىن، "ئىيۇل ۋەقەسىگە چېتىشلىق جىنايەتچىلەرنىڭ دەپنە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا دائىر مەخسۇس بەلگىلىمە" چىقارغانلىقى، بۇ بەلگىلىمە بويىچە، جەسەتنى تاپشۇرۇۋېلىشقا جەسەتنىڭ ئائىلىسىدىن بىر نەپەر دۆلەت مەمۇرىي خادىمى كېپىل بولۇپ رازىلىق ھۆججىتىگە قول قويۇش، ئەگەر مەمۇرىي خادىم بولمىسا، باشقا ئائىلە ئەزاسىدىن بىرىنى تاكى باشقا قالايمىقان ئىش چىقماي، جەسەت يەرلىكىگە قويۇلۇپ بولغىچە تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇش شەرتى بويىچە ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزدە، بىزگە مەزكۇر مەسىلىلەر توغرىلىق ئۇچۇر بەرگەن بۇ ئۇيغۇر بىزنى يەنە تېخىمۇ تولۇق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى.

بىز مەزكۇر ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ھۆكۈمەتنىڭ 5 - ئىيۇل مەھبۇسلىرىنىڭ دەپنە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى ھەققىدە، ئۈرۈمچى غالىبىيەت يولى ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ساقچى زىيارىتىمىزنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلدى.

بىز ئۈرۈمچىدىكى مەسچىتلەرنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك مېيتلارنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈش دەپنە ئىشلىرى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم مەسچىتتە ئۇزۇن يىلدىن بۇيان ئىمام بولۇپ ئىشلەۋاتقان بىر ھاجىمغا تېلېفون قىلدۇق، بۇ كىشىمۇ 5 - ئىيۇلغا مۇناسىۋەتلىك سىياسىي مەھبۇسلار ھەققىدە سورىغىنىمىزدا ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىقىنى ئىپادە قىلدى.

5 - ئىيۇل ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن تۇتۇلۇپ تۈرمىدە ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگە ‏- چاقىسىز قالغان جەسەتلىرىنىڭ كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقانلىقىدەك ئۇچۇر، ئاڭلىغان ھەر قانداق كىشىنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرۈدىغان بىر ۋەقە.

بىز بۇ ھەقتە يەنىمۇ توغرا مەلۇمات ئېلىش مەقسىتىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قۇرۇلغان دەپنە مۇلازىمەت باش پونكىتىغا تېلېفون قىلدۇق:

-- بۇ دەپنە مۇلازىمەت باش پونكىتىمۇ ؟

‏-- ھە شۇنداق.

-- سىلەرنىڭ بۇ يەردە سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭمۇ جەسىتىنى كۆيدۈرۈشكە بولامدۇ.

‏-- بولىدۇ، بولىدۇ، ئۇ ئۆلۈپ بولدىمۇ ؟

جەسەت بىر تەرەپ قىلىدىغان ئورۇننىڭ كۈتۈلمىگەن بۇ سوئالىغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى دەرھال ئاڭقىرالمىدىم.

‏-- شۇنداق، ئۇنداقتا، باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر، ئۇيغۇر بولسىمۇ كۆيدۈرەمسىلەر ؟

-- ئائىلىدىكىلىرىنىڭ ماقۇللۇقى بولسا بولىدۇ.

-- 5 - ئىيۇلدا كىرىپ كەتكەن بەزى ئاز سانلىق مىللەت ئۇيغۇر جىنايەتچىلەرنىڭمۇ، بۇ يەردە كۆيدۈرۈلگەنلىرى بارمۇ؟

-- ئۇيغۇرلار ... مۇ بار، بىر قەدەر ئاز.

-- ئۇلارنىڭ كۆيدۈرۈلۈشىدىكى سەۋەب نېمە؟

-- ئۇلارنىڭ جەسىتىنىڭ كۆيدۈرۈلۈشىگە ئىگە ‏- چاقىسىز بولۇشى سەۋەب بولغاچقا باشقىلار دەپنە قىلىشقا ياردەملىشىپ ئەكەلگەن بولۇشى مۇمكىن.

-- ساقچىلار تەرىپىدىن بىۋاستە ئەكەلگەنلەرمۇ بارمۇ ؟

‏ئۇ بىزنىڭ باشقا سوئاللىرىمىزنى باشلىقىدىن سورىشىمىزنى ئۆتۈنۈپ تېلېفوننى پونكىت مەسئۇلىغا ئۇلاپ بەردى.

-- مەن 5 - ئىيۇلغا مۇناسىۋەتلىك سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭ جەسەتلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقىڭلارنى سورىماقچى ئىدىم.

-- ئېنىق بىلمەيمىز، ئۆزىڭىز نەدىن ؟

‏-- مەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن، يېقىندا سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭ مۇشۇ جايدا كۆيدۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدۇق، قانچە كىشىنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈردۇڭلار، ئۇيغۇرلاردىن قانچىسى بار ؟

‏-- بۇنىڭ سىز بىلەن نېمە ئالاقىسى ؟

‏-- سوئالىمغا جاۋاب بېرەلەمسىز؟

‏-- باشقا ئىشىڭىز بولمىسا تېلېفوننى قويۇۋەتتىم، مېنىڭ جاۋاب بەرمەسلىك ھوقۇقۇم بار.

.......

رادىئومىزغا كېلىۋاتقان ئىنكاسلاردىن 5 - ئىيۇل ۋەقەسى ھەم ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۇتقۇن قىلىشلاردا ئۈرۈمچى ۋە باشقا جايلاردا نۇرغۇن ياشلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەمدە بەزىلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىز ‏- دېرىكى بولمىغانلىقى مەلۇم.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدىكى تۇتقۇن ھەرىكىتىدە بولسا 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە ئاساسەن ئۈرۈمچىگە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىن ئىشلەشكە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئۈرۈمچىدە باشقا يەرلىك ئۇيغۇرلارنى تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.