تۈركىيىنىڭ گىرەسۇن ۋىلايىتىدە "ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ كېلەچىكى" تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلدى

تۈركىيىنىڭ شىمالىدىكى قارا دېڭىز رايونىغا جايلاشقان گىرەسۇن ۋىلايىتىدە "ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە كېلەچىكى" تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى. 1-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى دوكلات بەرگەن بولۇپ، يىغىنغا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئى پروفېسسور دوكتور يىلماز جان ۋە كۆپ ساندا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار قاتناشقان.

0:00 / 0:00

"ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كېلەچىكى" تېمىسىدىكى يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، گىرەسۇن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى، ۋالىي ۋە گىرەسۈن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان گىرەسۇن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى تالھا دەمىر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ بۇ يىغىننى چاقىرىشتىكى مەقسىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

"بۇ يىغىننى چاقىرىشتىكى مەقسىتىمىز ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىش ئىدى. مەن 3-4 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىزدىنىۋاتاتتىم. بۇنى كىشىلەرگە ئاڭلىتايلى دەپ بۇ يىغىننى چاقىردۇق. يىغىن ئىنتايىن ياخشى ئۆتتى. پۈتۈن ئوقۇغۇچىلار خۇرسەن بولدى. مەن رادىئو ئارقىلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا شۇنى دېمەكچىمەنكى: سىلەر يالغۇز ئەمەس، بىز ھەر دائىم ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيمىز."

ئۇ يەنە مەزكۇر يىغىنغا كۆپ ساندا كىشىلەرنىڭ قاتناشقانلىقىنى، كۆپ ساندا گېزىت ۋە تېلېۋىزوردا بۇ ھەقتىكى خەۋەرگە يەر بېرىلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:

uyghur-turkliri-we-kelecheki-yighini-385.JPG
"ئۇيغۇرلار ۋە كېلەچىكى" تېمىسىدىكى يىغىندا قاتناشقۇچىلار. 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى. (RFA/Erkin Tarim)

" بۇ يىغىنغا مەكتىپىمىزدىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى چۈنكى بىز بۇ يىغىننى ئېچىش ئۈچۈن بىر ئاي تەييارلىق قىلدۇق. زال لىق تولدى. ھەتتا ئوقۇغۇچىلار زالدا ئولتۇرىدىغان يەر تاپالماي، ئۆرە تۇرۇپ ئاڭلىدى. دۆلەت تېلېۋىزىيىسى ت رت، دوگان خەۋەر ئاگېنتلىقىمۇ كەلدى. نۇرغۇن گېزىتنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ قاتناشتى. ئوقۇغۇچىلار سېيىت تۈمتۈركتىن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە كۆپ سوئاللارنى سورىدى. سىزگىمۇ مەلۇم بىزنىڭ گىرەسۇن ۋىلايىتىدىكى كىشىلەر شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بەك قىزىقىدۇ. 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى بولغاندا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدۇق، خىتاينى ئەيىبلەپ ئىمزا يىغىپ خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ئەۋەتتۇق. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز".