شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشىدىكى مۇزاكىرىلەر نەتىجىلىك ئاخىرلاشتى

شەرقىي تۈركىستان ئالىي كېڭىشىنىڭ 3-كۈنى، يەنى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىگە بىنائەن ۋەكىللەر گۇرۇپپىلار بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

0:00 / 0:00

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللەر گۇرۇپپىلار بويىچە 7 تېما بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. يىغىندا 200 دىن ئارتۇق تەكلىپ پىكىرلەر چۈشتى . لېكىن ئاساسلىقى يەتتە نۇقتىغا يىغىنچاقلاندى.

يىغىندا ۋەكىللەر ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك تەۋسىيىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز بۇ مۇزاكىرىلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ۋەكىللەرگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.