0:00 / 0:00
بۇ قارارغا ئاساسەن شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى تەييارلىق كومىتېتى قۇرۇلۇپ، جىددىي تەييارلىق خىزمىتىنى باشلىۋەتكەن ئىدى. تەييارلىق كومىتېتى شەرقىي تۈركىستان ئالىي كېڭىشىنىڭ كۈنتەرتىپىنى شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تاماملاپ، 3-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى تېلېفون يىغىنىدا بۇ ھەقتە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ ماقۇللىدى.

شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشىنىڭ كۈنتەرتىپى نېمە مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؟ يىغىننىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ شەرقىي تۈركىستان ئالىي كېڭىشىنى ئېچىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار نېمە مەقسەتكە يېتىشنى نىشان قىلىۋاتىدۇ؟
يۇقىرىدىكى سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى ۋە تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى پەرھات يورۇڭقاش ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.