ئەنگلىيە نېۋسكاستلە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور يوئاننە سمىت فىنلەي خانىم رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىنىدا تەيۋەن چىڭيۈن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى چيەن يۈشى ئەپەندى «قەدىمىي قەشقەر شەھىرى ۋە ئۇيغۇر كىملىكى» تېمىسىدا، پروفېسسور دوكتور يوئاننە سمىت فىنلەي خانىم «ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ تراگېدىيىسى» تېمىسىدا، دوكتور ئەركىن ئەكرەم بولسا «ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى» تېمىسىدا تەييارلىغان ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى» ماۋزۇلۇق ماقالىسى كىشىلەرنىڭ قاتتىق دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى. ئۇ خىتاي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ھەققىدە يازغان ماقالىلىرىدىن پايدىلىنىپ يازغان ماقالىسىدە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ھەققىدىمۇ توختالغان. ئۇنىڭ يىتىشىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەزگىلىدە جۇڭخۇا مىللىتى كىملىكىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ كۈچىيىشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتتى. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قېلىشنىڭ يوللىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.
9-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە ئەنگلىيىنىڭ كەمبرىچ ئۇنىۋېرسىتېتىدا داۋاملاشقان 12-نۆۋەتلىك ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ تارىخى، تىل - ئەدەبىياتى، ئارخېئولوگىيىسى، خەلقئارا مۇناسىۋىتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەسىلىلەر ھەققىدە كۆپ ساندا ئىلمىي ماقالە ئوقۇپ ئۆتۈلگەندىن باشقا، ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ كۆپ ماقالە ئوقۇپ ئۆتۈلدى. يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر دۇنيانىڭ ئەڭ مەشھۇر بىلىم يۇرتلىرىدىن بىرى بولغان كەمبرىچ ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلغان بۇنداق بىر چوڭ يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتىشتى.