ئۇيغۇرلار بېيجىڭدا تۇرۇش ئۈچۈن كىملىك ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر

ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، خىتاي ئۆلكىلىرىدە مېھمانخانا قىيىنچىلىقى يېڭى بىر ئەھۋال ئەمەس. بۇ قىيىنچىلىق 90 ‏ - يىللاردىلا باشلانغان. ئەمما، مېھمانخانىغا تىزىملىتىش ئۈچۈن، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولۇش، بۇنىڭ بىلەن بىللە، خىزمەتكە چاقىرتىلغان ۋە خىزمەتكە ئەۋەتىلگەن ئىسپات خېتى بولۇش يېڭى تۈزۈملەردىن بولسا كېرەك.

0:00 / 0:00

بۈگۈنكى ئەھۋال ئىگىلىشىمىزدە بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەزى ئۆلكىلەردە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىممەت باھالىق مېھمانخانىلاردا تۇرۇشقا چەكلىمە يوق، تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا باھادىكى مېھمانخانىلاردا چەكلىمە بار. يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ تېخى بىر قانچە ئاينىڭ ئالدىدىكى ئەھۋال، ھازىرقى ئەھۋال بولسا بۇنىڭدىن مۈشكۈل، ئالدىنقى تۈزۈم بۇيىچە بولغاندا ئۇيغۇرلار سودىگەر بولغاندىلا تۇرۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلىگەن بولاتتى؛ ھازىرقى ئەھۋالدا بولسا پەقەتلا ئەمەلدار بولۇشى كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەمەلدار بولۇشلا كۇپايە ئەمەس، چاقىرىلغان ۋە خىزمەتكە ئەۋەتىلگەن بولۇشى كېرەك.

بۇ ئۇيغۇرنىڭ ئېيتقانلىرىنى خىتايدىكى بىر مېھمانخانا خادىمى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئىسپاتلىدى.

نۆۋەتتە بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلەردە شىركەت قۇرغان ئۇيغۇرلارغا ئاشكارا چەكلىمە قويۇلمىغان، ئەمما ئۇلار ئۇيغۇر كىملىكى سەۋەبىدىن كوپ تەرەپلىمە ئاۋارىچىلىقلارغا يولۇقۇپ كىملىك ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغان، ھەتتا بەزىلىرى شىركەتلىرىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتكەن.

يەنە بۇ ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭدا ئۇيغۇرلارغا ئوي كىرالىغان ئائىلە ۋە مېھمانخانىلارغا 2000 دوللار جەرىمانە قويۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان.

چەتئەل پاسپورتى بىلەن خىتايغا بارغان ئۇيغۇرلارمۇ ئوخشاشلا ئاۋارىچىلىققا دۇچ كەلگەن. يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ خاڭجۇدىكى بىر مېھمانخانىدا يولۇققانلىرى بۇنىڭ ئىسپاتى.

ئولىمپىك مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئاۋارىچىلىق بىر قىسىم چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان. ئالدىنقى كۈنى كانادادا چىقىدىغان يەرشارى خەۋەرلەر گېزىتى، بېيجىڭدا ياشاۋاتقان بىر ياش ئەر - ئايالنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، بۇ ئائىلە 5 يىلدىن بېرى بېيجىڭدا ئاشخانا ئاچقان بولۇپ، خىتاي ئولىمپىك سەۋەبلىك ئۇلارنى ئاشخانىسىنى تاقاشقا مەجبۇرلىغان، تۇرۇۋاتقان قوراسىدىنمۇ ھەيدىگەن. ئۇلار مېھمانخانىغا كىرگەندە دەسلەپ چەتئەللىككە ئوخشىتىلىپ قىزغىن كۈتۈۋېلىنغان، ئارقىدىن ئۇلار سالاھىيەت كېنىشكىسىنى چىقارغاندا ئۇيغۇرلىقىنى بىلگەن مۇلازىمەتچىلەر دەرھال مۇئامىلىسىنى ئۆزگەرتكەن ۋە ياتاق تۈگەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئەھۋال ئىزچىل تەكرارلانغاندىن كېيىن، يۇرتىغا قايتىشقا مەجبۇر بولغان.

بەزى كۆزەتكۈچىلەر، ئولىمپىكنىڭ خىتاينى ھەقىقىي قىياپىتى بىلەن دۇنياغا تونۇتىدىغان بىر دەرسلىكلا بولۇپلا قالماي، ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ بىر ئۇنتۇلماس مىللىي كىملىك دەرسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.