خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەدىمىي ئۇيغۇر مەھەللىرىنى چېقىش ھەرىكىتى ھەققىدە ئىنتايىن ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىلگەن «چەتكە قېقىلىپ ياشاش - خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەھەللىرىنى چېقىشى» ماۋزۇلۇق مەزكۇر دوكلات دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىندى. 89 بەتتىن تەركىپ تاپقان بۇ دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بىر قىسىم خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭمۇ دىققىتىنى ئالاھىدە قوزغاپ، دوكلات ھەققىدە مەخسۇس خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدى.
دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمىي تارىخقا ئىگە شەھىرى بولغان قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىرىدىمۇ ئوخشاشلا چېقىش ۋە تارقاقلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇماتلار بېرىلگەن.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە، قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونىنى چاققاندىن باشقا يەنە ئۈرۈمچىدىكى تاشبۇلاق رايونى ۋە تۇرپان، خوتەن، غۇلجا، قۇمۇل، ئاقسۇ، كورلا، قاراماي ھەم بۆرتالا قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەردە چېقىش ئارقىلىق «قايتا قۇرۇش» ئېلىپ بارغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېغىرى ئەلۋەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ مۇھىم نامايەندىلىرىدىن بىرى بولغان قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونى بولۇپ، 2009 - يىلىدىن ھازىرغىچە بۇ رايوننىڭ 85 پىرسەنتى ئاساسەن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ بولغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر قەدىمى شەھەر رايونىنى چېقىش - تۈزلەش خىزمىتىنى خەلقئاراغا «زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى» نىڭ تەركىبى قىسمى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا «يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىپ بېرىش» قۇرۇلۇشى ناملىرى ئاستىدا ئېلىپ بارغان ئىدى. ئەمما مەزكۇر دوكلات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىدىكى تەشۋىقاتلىرىنى قەتئىي رەت قىلىپ، ئۇيغۇر مەھەللىرىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ قۇرۇلۇشلارغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى سۇسلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت سىياسىي پىلاننىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغۇچىلارنىڭ بىرى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ دېرىكتورى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دوكلات ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بەردى. مەزكۇر دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەھەللىرىنى بۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردا پەيدا قىلغان ئەكس تەسىرلىرى ئۈستىدە ئالاھىدە بايان قىلىنغان. مەسىلەن دوكلاتتا دېيىلىشىچە، بۇ خىل چېقىش ھەرىكىتى ئەسلىدە مەھەللىلەردە جامائەت بولۇپ ياشاپ كەلگەن، سودا - سېتىق ۋە شۇنىڭدەك دىنى پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى مەھەللىلەر ئەتراپىدا، كوللېكتىپ ھالدا داۋام قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان. شەھەر سىرتىدىكى ئېگىز - ئىگىز بىنارلارغا تارقاقلاشتۇرۇۋېتىلگەن جامائەت ئەمدى بىرلىكتە مەسچىتكە يىغىلالمايدىغان، ئۆز - ئارا سالاملىشالمايدىغان ۋە ھەتتا كۈندىلىك سودا - سېتىقىنىمۇ قىلالمايدىغان بولۇپ قالغان. ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر كونا خېرىدارلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان. مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن ئامىللار مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىغا، ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئامىللارنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان.
دوكلات، دەل يۇقىرىدىكى ئامىللار تۈپەيلىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل قۇرۇلۇشلارنىڭ ماھىيىتىنىڭ ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدىن تامامەن پەرقلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئالىم سېيتوف ئەپەندى مەزكۇر دوكلاتنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە مانا بۇ پەرقنى چۈشەندۈرۈشتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەقەتلا بىر « كونا ئۆي» نى ئەمەس، بەلكى دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدىكى يارقىن ئۆرنەكلەرنى خاراپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى تەييارلىغان دوكلاتتىكى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى خەلقئارادىكى باشقا ھۆكۈمەتلەر ۋە ئورگانلارغا قىلىنغان چاقىرىق بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر قەدىمىي ئۆيلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان دۆلەتلەرگە تۆۋەندىكىدەك تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان :
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە كونسۇلخان ئېچىپ، رايوننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىش.
- خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلاردا ئۇلارنى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا ئالاقىدار ماددىلارغا ئەمەل قىلىشقا قىستاش.
- خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ۋەيران قىلىپ بولۇشتىن ئىلگىرى ھەرقايسى دۆلەتلەر پارلامېنتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلىدىغان كۈچلۈك قارار ماقۇللاپ چىقىشى ۋە خىتاينى بۇ ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىشقا بېسىم قىلىش.
يۇقىرىقىلاردىن سىرت دوكلاتتا يەنە، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن ئۆتكۈزگەن كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا بۇ مەسىلىنى خىتاينىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىنى ئىقتىسادىي سەۋەبلەرگە قۇربان قىلىۋەتمىگەن ئاساستا ئوتتۇرىغا قويۇشىمۇ تەلەپ قىلىنغان.
دوكلاتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىگىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى مىراسلىرىغا ئىگە چىقىپ، ئۇنى قوغدىشى ھەققىدە بىر قاتار چاقىرىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئالىم سېيتوف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، دوكلاتتا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قانداق قوغداپ قېلىش، ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسىدە دۇنيادىكى نۇرغۇن ياخشى ئۆرنەكلەر مىسالغا ئېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى شۇ بويىچە ئىش قىلىشقا چاقىرىلغان.