خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى، 2009 - يىلدىكى «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ بىر يىللىقى ھارپىسىدا يەنى 2010 - يىلى 17 - ماي بېيجىڭدا «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» چاقىرىپ، ئۇيغۇر رايونىغا قارىتىپ يېڭىدىن ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەرەققىيات سىياسىتىنى بەلگىلىگەن ئىدى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى 27 - ئىيۇن ئېلان قىلغان دوكلاتقا ۋە ئىلگىرى يۇقىرىقى يىغىن ھەققىدە تارقىتىلغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مەزكۇر يىغىنغا خىتاي كومپارتىيىسى چەمبىرىكىدىكى ئاتالمىش يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېچقانداق ئۇيغۇر قاتناشتۇرۇلمىغان.
دوكلاتتا «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى كۈتكەندەك ئۈنۈم بېرىشتە مەغلۇپ بولغان «غەربنى ئېچىش سىياسىتى» قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: ئاشۇ مەغلۇپ بولغان سىياسەتلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان تەڭسىزلىك، ئۇيغۇر ۋە باشقا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە كەڭ كۆلەملىك تەسىر كۆرسەتتى ۋە 2009 - يىلى ئىيۇلدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشقا تۆھپە قوشتى.
دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «خىزمەت يىغىنى» ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان تەڭسىزلىك ۋە كەمسىتىش مەسىلىسىنى يەنىلا ھەل قىلماي تاشلاپ قويدى.
دوكلاتتا يەنە 2009 - يىلىدىكى «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بېرىپ ئارىدىن 3 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، رايوندىكى تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىدە، تەڭسىز كىرىم تەقسىماتى، يۇقىرى نىسبەتتىكى نامراتلىق ۋە خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتىكى مىللىي ئايرىمىچىلىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوندىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى باھالاش خىزمەت قۇرۇلمىسى كەمچىل ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا، «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» نىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى سۈپىتىدە «غەربنى ئېچىش سىياسىتى» ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىلگەن.
دوكلاتتا «غەربنى ئېچىش سىياسىتى» نىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش مۇھىتى ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالنى ياخشىلاشقا كۆپ تەسىر كۆرسىتەلمىگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «خىزمەت يىغىنى» سىياسىتىنى ھاسىل قىلىشتىكى ئۇسۇلى ۋە يولغا قويۇش يۆلىنىشى يەنىلا «غەربنى ئېچىش سىياسىتى» دە شەكىللەنگەن ئەندىزىلەرگە ئەگىشەتتى. بۇنىڭدا ئەڭ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، مەيلى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەت بەلگىلەش يىغىنلىرى ۋە ياكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈش ئىشلىرىدا بولسۇن بۇلارغا ئۇيغۇرلارنى قاتناشتۇرۇش مېخانىزمى يەنىلا شەكىللەندۈرۈلمىدى.
دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» سىياسەتلىرىنى تۈزۈش ۋە يۈرگۈزۈش جەريانىدا مەۋجۇت بولغان مەسىلىلەردىن بىر نەچچىسى مىسال قىلىپ كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا ئۇيغۇر رايونىغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى بەلگىلەش بۇ خىلدىكى سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈشتە ئۇيغۇرلارنىڭ قاتناشتۇرۇلماسلىقى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىكلەرنىڭ ئەھۋالنى چۈشىنىش دەرىجىسىنى چەكلەپ قويىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دوكلاتقا قارىغاندا «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سىياسەتلەردە ئۇيغۇر رايونىغا سېلىنغان مەبلەغ، ئىقتىسادىي تەقسىمات قاتارلىقلار ئۈستىدىن كۆرۈپ تۇرىدىغان نازارات قىلىش مېخانىزمى تونۇشتۇرۇلمىغان.
دوكلاتتا يەنە قەشقەرگە قۇرۇلىدىغان ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونى، بۇنىڭغا ياندىشىپ قەشقەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان چېقىپ - يۆتكەش قۇرۇلۇشى ۋە بۇلارنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ھايات كەچۈرۈش يولىغان كۆرسىتىۋاتقان ئەكس تەسىرلىرىمۇ بىر قاتار چۈشەندۈرۈلگەن.
دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بىر قانچە تۈرلۈك تەكلىپ بېرىلگەن.
تەكلىپلەرنىڭ ئىچىدە خىتاي قانۇنلىرىغا ئاساسەن ئۇيغۇر ۋە باشقا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ باراۋەر خىزمەت پۇرسىتىگە ئېرىشىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتىكى مىللىي ئايرىمىچىلىق ۋە مىللىي كەمسىتىش خاھىشلىرىغا خاتىمە بېرىش،شەرقىي تۈركىستاندىكى خىزمەت پۇرسىتى ئەھۋالى، كىرىمدىكى تەڭسىزلىك ۋە مىللىي گۇرۇپپىلار ئارىسىدىكى نامراتلىق نىسبىتى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش قاتارلىقلار ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلات بۇ يىل ئاپرېلدا قەشقەرنىڭ چېقىلىشى ھەققىدىمۇ بىر دوكلات ئېلان قىلغان ئىدى.
0:00 / 0:00