ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ياۋرۇپا پارلامېنتىدا

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قانلىق قىرغىنچىلىقتىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ تېلېفون ھەم ئىنتېرنېت ئالاقىسىنىڭ تېخىچە ئەسلىگە كەلمىگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللى كىشىلىك ھەق - ھوقۇقى بولغان ئالاقە ئەركىنلىكىنى خىتاينىڭ ھازىرغىچە دەپسەندە قىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ گۇمانلىرىنى ئاشۇرۇپ، بارغانسىرى ئۈمىدسىزلەندۈرمەكتە ئىدى.

0:00 / 0:00

مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ياۋرۇپا پارلامېنتى تەرىپىدىن خىتاينىڭ بۇ ئىنسانىيەتسىزلىكىنى ئەيىبلەيدىغان بىر قانچە قارار قوبۇل قىلىندى. بۇلارنىڭ بىرى فرانسىيىنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدە چاقىرىلغان ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ ئومۇمى يىغىنىدا قوبۇل قىلىنغان ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرگە دائىر قاراردىن ئىبارەت.

سولانا ئەپەندىنىڭ خېتى

د ئۇ ق باش شىتابىدىكىلەر ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سولانا ئەپەندىدىن بىر خەت تاپشۇرۇپ ئالغان. بۇ خەت، د ئۇ ق باش شىتابى يېقىنقى كۈنلەردە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى ۋە ياۋرۇپا پارلامېنتىدىن تاپشۇرۇپ ئالغان جاۋاب خەتلەر ئىچىدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك بىر خەت بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

سولانا ئەپەندى بۇ خەتنى، د ئۇ ق تەرىپىدىن قۇرۇلتاي رەئىسى رابىيە خانىم نامىدا ئەۋەتىلگەن خەتكە جاۋابەن شەخسى نامىدىن ھەم ياۋرۇپا بىرلىكىگە ۋەكالىتەن يازغان.

ياۋرۇپا بىرلىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلمەكتە

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سولانا ئەپەندىنىڭ خېتىدە ئەكىس ئەتكەن مەزمۇن توغرىلىق قىسقىچە مەلۇمات بەردى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سولانا ئەپەندى، ئۆز خېتىدە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن ئۈمىدسىزلەنمەسلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي بىلەن بولغان دىئالوگدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئاساسىي تېما

سولانا ئەپەندى خېتىدە يەنە، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەق - ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر تېما ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن ۋە كېلەر قېتىملىق خىتاي بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئاساسىي مەسىلە سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.