خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ يېڭى بەلگىلىمىلىرىدىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى بەھرىمەن بولالامدۇ؟

خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىنى ھەر قانداق باھانە ‏- سەۋەب بىلەن چەكلەشكە بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا مەخسۇس ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇقتۇرۇشتا "ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ جىنسى، مىللەت، ئىرق، ئائىلە مال - مۈلۈك ئەھۋالى، دىنىي ئېتىقادى قاتارلىقلارنى ئايرىماي، قانۇن بويىچە مەجبۇرىي مائارىپتىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى بارلىقى" نى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010-06-09
Share
Xoten-oqughuchiliri-305 ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﺭﯨﺴﺨﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

بىراق ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە مائارىپ ساھەسىدە خىزمەت قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندىلەر، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتىكى ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولۇشىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت