ئەنگلىيە نېۋكاستل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. يوئاننە سمىت فىنلەي خانىم رىياسەتچىلىك قىلغان دۈگىلەك ئۈستەل يىغىنىدا خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشى مەسىلىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. يىغىندا تۈركىيە خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى «خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشى» تېمىسىدا، قەيسەر ئابدۇرۇسۇل، ئىلھام مەخمۇت ۋە در. ئەنۋەر توختى قاتارلىقلار بولسا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىغىنغا كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشتى ۋە قىسقا سۆز قىلدى.
ھازىر ئەنگلىيە كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا داۋاملىشىۋاتقان 12-نۆۋەتلىك ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتلىرى يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ھەققىدە مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ھەققىدىكى تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا ئەنگلىيە كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۈگىلەك ئۈستەل يىغىنى ھەققىدىكى تەپسىلىي مەلۇماتنى ئاڭلىتىمىز.
9-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا داۋاملاشقان 12-نۆۋەتلىك ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ تارىخى، تىلى ئەدەبىياتى، ئارخېئولوگىيىسى، خەلقئارا مۇناسىۋىتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەسىلىلەر ھەققىدە كۆپ ساندا ئىلمىي ماقالە ئوقۇپ ئۆتۈلگەندىن باشقا دۈگىلەك ئۈستەل يىغىنلىرىمۇ چاقىرىلدى.