ئۇيغۇرلار مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟

ئۇيغۇر دىياردىكى مەدەنى يادىكارلىقلار ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بولۇپ ، بۇ خىل ئەھۋاللار يەرلىك خەلقنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىماقتا. ئۇنداقتا نىمىشقا بۇ مەدەنىي يادىكارلىقلار يېتەرلىك قوغدىلىشقا ئىگە بولالمايدۇ، بۇنىڭدا كىمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار؟

0:00 / 0:00

ئۇزۇن تارىخقا ۋە مەدەنىيەتكە ئىگە بولغان ئۇيغۇر خەلقى دۇنيا تارىخ سەھىپىسدە شانلىق سەھىپىلەرنى يارىتىپ

دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانOpens in new window ]

بىر خەلقتۇر.

ئۇلار ياراتقان مەدەنىيەت مىراسلىرى دۇنيا بويىچە قوغدىلىدىغان مەدەنىي مىراسلار قاتارىغا كىرىۋاتقان ۋە يۇقىرى باھالارغا ئېرىشىۋاتقان كۈنىمىزدە، ئەپسۇسكى ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ مىراسلار بىر - بىرلەپ يوق بولۇشقا يۈز تۇتماقتا.

تارىخى قىممەتكە ئىگە بولغان بويۇملار ياخشى قوغدالمىغانلىقتىن قالايمىقان كولاش، ئوغرىلاش بىلەن يوق بولۇپ كېتىۋاتقان بولسا، ئەلمىساقتىن بېرى كىشىلەر تاۋاپ قىلىپ ئەزىزلەپ كېلىۋاتقان موللا مۇسا سايرامىنىڭ مەقبەرىسىگە ئوخشاش تارىخى ئورۇنلارنىڭ ئورنى بولسا تۈزلىنىپ قانداقتۇ كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، تەنتەربىيە مەيدانلىرى قىلىپ ئۆزگەرتىلمەكتە ئىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ خىل ئەھۋاللار يەرلىك خەلقلەرنىڭ قاتتىق غەزەپ - نەپرىتىنى قوزغاۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار بۇنىڭغا قانداق چارە قىلىشنى بىلمەي ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتۇشقا مەجبۇر بولماقتا ئىكەن.

ئاپتونومىيە قانۇنى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنىدا بۇ خىل مەدەنىي يادىكارلىقلارنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەنگەن تۇرۇقلۇق نىمىشقا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەدەنىي يادىكارلىقلار، تارىخى بويۇملار، تارىخى مازارلىقلار ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەدەنىي مىراسلار يېتەرلىك قوغدىلىشقا ئېرىشەلمەيدۇ.

بۇ ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ بۇ خىزمەتكە سەل قاراۋاتقانلىقىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان ئاقىۋەتمۇ ياكى بۇنىڭ باشقا سەۋەبلىرىمۇ بارمۇ؟ ئۇيغۇرلار بۇ مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟

بىز يۇقىرىدىكى سوئاللارنى چۆرىدىگەن ھالدا تۈركىيە ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.