4 ‏- نۆۋەتلىك خەلقئارالىق مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلدى

2010 ‏ - يىلى 4 - ئاينىڭ 28 ‏ - 29 ‏ - كۈنلىرى ئىستانبۇلنىڭ تاكسىم مەيدانى مېترو ئىستانسىسى كۆرگەزمە زالىدا بابى ئالەم خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 4 ‏ - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

بۇ كۆرگەزمىگە ئوخشىمىغان 50 دۆلەتتىن تۈركىيىگە كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىشتىراك قىلدى. بۇ كۆرگەزمىگە ئىستانبۇلدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ - ئادەت ۋە مەدەنىيەتلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان كۆرگەزمە بۆلۈمى ئاچتى.

كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىشىدا، ئىستانبۇل ‏ - ئەسەنلەر رايونىنىڭ باشلىقى تەۋفىق گۆكسۇ، ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ياۋۇز دەدە، ئىستانبۇل مىللىي مائارىپ نازارىتىنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى سۇلايمان ئايقاچ، بابى ئالەم خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ۋەيسەل بەشەر قاتارلىق كىشىلەر خەلقئارا مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىم لېنتىسىنى بىرلىكتە كەستى. كېيىن ئېچىلىش لېنتىسىنى كەسكەن رەھبەرلەر كۆرگەزمىنى بىرلىكتە ئايلاندى.

Uyghur-oqughuchilar-yermenke-dukini-305.jpg
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 4 - ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻛﯚﺭﮔﻪﺯﻣﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﺯﻣﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ. (RFA Photo / Arslan)

ئارقىدىن كۆرگەزمە زالىدا يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى. يىغىندا بابى ئالەم خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ۋەيسەل بەشەر ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئىستانبۇلدا ئوقۇۋاتقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، بىر بىرىنىڭ ئۆرپ ‏ - ئادەت ۋە مەدەنىيەتلىرى بىلەن تونۇشۇش مەقسىتىدە بۇ كۆرگەزمىنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئىستانبۇلغا كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى، ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك مىللىي بۇيۇملىرى، مىللىي كىيىم ‏ - كېچەك نۇسخىلىرى، دۆلەت خەرىتىسى ۋە بايراقلىرىنى كۆرگەزمىگە قويۇپ، ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىنى تونۇشتۇردى.

بۇ كۆرگەزمىگە ئىستانبۇلدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ قاتناشتى. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ - ئادەت ۋە مەدەنىيەتلىرىنى ئىپادىلەيدىغان مىللى كىيىم - كېچەك، چىمەن دوپپا، راۋاب، داپ قاتارلىق چالغۇ ئەسۋابلىرى ھەم ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى كۆرگەزمىگە قويدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قولدا ئىشلەنگەن كانۋاي كۆينەك، ئەتلەس كىيىملەرنى كۆرگەزمىگە قويغان بولۇپ، ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە چالغۇ ئەسۋابلار باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتتى.

كۆرگەزمىگە قاتناشقان ئۇيغۇر، تۈرك ۋە ئۆزبېك ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.