قىزىل كىرىس جەمئىيىتى بىلەن شى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە نورۋېگىيىدىكى مۆمىنجان باشچىلىقىدىكى سەنئەت گۇرۇپپىسىمۇ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىندى.
مەدەنىيەت كۈنى پائالىيىتى نورۋېگىيىدە ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەت بولۇپ، بۇنىڭغا نورۋېگىيىدە ياشاۋاتقان ھەر قايسى مىللەتلەر تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدۇ ۋە سەنئەت، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەكلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەت ھەم مىللىي مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە سەنئەت نومۇرلىرى باشلىنىشتىن ئىلگىرى مۆمىنجان بۇ پائالىيەتنى كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەن ئەتراپتىكى تاماشىبىنلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى قاچان بېسىۋالغانلىقى قاتارلىق تارىخى جەريانلارنى قىسقا تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
سەنئەت گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىسى مۆمىنجان زىيارىتىمنى قوبۇل قىلىپ بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.
يەنە بىر پائالىيەتچى بابۇرجان بۇ قېتىمقى مەدەنىيەت پائالىيىتى ھەققىدە توختالدى.
بۇ قېتىمقى مەدەنىيەت پائالىيىتىدە نورۋېگ، ئۇيغۇر، سومالى قاتارلىق ھەر قايسى مىللەت كىشىلىرى ئۆزلىرىنىڭ سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىپ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەندىن باشقا،تاماق ۋە كىيىم-كېچەك مەدەنىيەتلىرىنىمۇ تونۇشتۇردى. سەنئەت گۇرۇپپىسى ئەزالىرىنىڭ دۇتار، غېجەك، داپ ۋە گىتار بىلەن ئورۇندىغان ئۇيغۇرچە ۋە نورۋېگچە ناخشىلىرى، ئۇلار ئوينىغان خوش ئۇيغۇرچە ئۇسۇللار تاماشىبىنلارغا ئالاھىدە يېڭىلىق تۇيۇلۇپ قىزغىن چاۋاكلار بىلەن ئالقىشلاندى. ئۇيغۇرچە ئۇسسۇللۇق ناخشىلاردىن ھاياجانلىنىپ كەتكەن بىر قىسىم نورۋېگلار ئۇيغۇر يىگىتلىرى بىلەن بىللە مەيدانغا چۈشۈپ بىرلىكتە ئۇسۇل ئوينىدى.