خەلقئارا فېستىۋالىدىكى ئۇيغۇر كۆرگەزمىسىنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتلار

بۈگۈن، ئەنقەرەنىڭ ئەتىمەسقۇت رايونىدا 7 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئاناتولىيە مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالىنىڭ باشلانغانلىقىغا 5 كۈن بولدى. 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 26 - كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ فېستىۋالغا تۈركىيە ، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەردىن ۋەكىللەر قاتناشماقتا.

0:00 / 0:00

فېستىۋالنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ ئېيتىشىچە بۇ فېستىۋالنى ھەر كۈنى ئون مىڭلىغان كىشى زىيارەت قىلىۋېتىپتۇ.

ئەنقەرەنىڭ ئەتىمەسقۇت رايونىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 7 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئاناتولىيە مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالىدا ئۇيغۇرلار كۆرگەزمە ئېچىپ ئۆزىنىڭ سەنئىتى، مەدەنىيىتى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرماقتا.

Uyghur-medeniyet--seniti-xelqara-estiwalda-Uyghur-bolumi-2-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 7 - ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﺋﺎﻧﺎﺗﻮﻟﯩﻴﻪ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻓﯧﺴﺘﯩﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯚﻣﯩﻜﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﺯﻣﻪ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ. (RFA Photo / Ekin Tarim)

بىز كۆرگەزمىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىۋاتقانلارغا مىكرافونىمىزنى ئۇزىتىپ تەسىراتلىرىنى سورىدۇق. شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى خەيرۇللا ئەفەندىگىل ۋە بۇ جاينى زىيارەت قىلىۋاتقان بىر قىسىم كىشىلەر ئۆز تەسىراتلىرىنى چۈشەندۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.