ئىلشات ھەسەن: «خىتاينىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ جامائەت سورۇنلىرىدا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش دائىرىسىنى تارايتىپ، كونتروللۇقنى كۈچەيتىش...»

«ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى رەھبىرى كادىرلارنىڭ توي-تۆكۈن، ئۆلۈم‏-يېتىم، تەبرىكلەش ئىشلىرىنى ئۆتكۈزۈشتىكى يەتتە تۈرلۈك ھەرىكىتىنى قاتتىق چەكلەش» توغرىسىدا ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلىندى.

0:00 / 0:00

20-ئاپرېل كۈنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى بىرلىكتە ئېلان قىلغان مەزكۇر يەرلىك بەلگىلىمىدە، رەھبىرى كادىرلارنىڭ زىياپەتكە تەكلىپ قىلىنىدىغان ئادەم سانى 300 دىن، ئىشلىتىدىغان ئاپتوموبىل سانى سەككىزدىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك ۋە بۇ تۈردىكى ئىشلارنىڭ ۋاقتىنىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش دېگەندەك ئېنىق ھەم قاتتىق شەرتلەر بېكىتىلگەن. ئەگەر بۇ شەرتلەرگە خىلاپلىق قىلغانلار كۆرۈلسە جازالىنىدىغانلىقى، مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەنگەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بولسا، خىتاي دائىرىلىرى قانداق بىر زۆرۈرىيەت بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ تۈردىكى يەرلىك بەلگىلىمىنى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭ قاراتمىلىقى ۋە مەقسىتى نېمە، دېگەندەك مەسىلىلەر ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىزنىڭ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان، سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.