بولۇپمۇ، خوتەندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىنكاسلار تېخىمۇ كۆپەيدى. ئەنە شۇ ئىنكاس ۋە كۆز قاراشلارنىڭ بىر قىسىمى رۇس تىللىق مەتبۇئاتلاردىمۇ ئېلان قىلىندى.
رابىيە قادىر بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت رۇسچە ئېلان قىلىندى
يېقىنقى ھەپتىلەردىن بۇيان رۇس تىللىق مەتبۇئاتلارمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە تۈرلۈك ئۇچۇرلار ۋە ماقالىلارنى ئېلان قىلىشقا باشلىدى. ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالە ۋە ئۇچۇرلار ئاساسلىقى تىبەت مەسىلىسى بىلەن باغلانغان بولۇپ، خىتايدىكى مەسىلىلەرنىڭ پەقەت تىبەتلەر بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولماستىن بەلكى، ئۇيغۇرلار بىلەنمۇ زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بىر قىسىم غەرب ھۆكۈمەتلىرىنىڭلا تەنقىدىگە ئۇچراپ قالماستىن بەلكى، ئۇيغۇرلار ھەم تىبەتلەرنىڭمۇ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
يېقىندا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، كاۋكازىيە ۋە ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرى بويىچە مۇتەخەسسىسلىرىدىن بىرى جوۋشا كۇسېر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى تولۇق تېكىستى بىلەن ئامېرىكىدىن تارقىتىلىدىغان ئاتاقلىق ئانالىز تورلىرىنىڭ بىرى "يېئۇراسىئانەت" دا ئېلان قىلغان ئىدى. مەزكۇر سۆھبەت ئارقىدىنلا رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلىندى ھەمدە ئوقۇرمەنلىرى ئەڭ كۆپ ھېسابلىنىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇر تورىدا كۆچۈرۈپ بېسىلغاندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ ئوقۇشىغا ئېرىشتى.
مەزكۇر سۆھبەتتە ، رابىيە قادىر خانىم مۇتەخەسسىسنىڭ بىر قانچە مۇھىم سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئامېرىكا - ئۇيغۇر - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى قىسقىچە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. رابىيە قادىر خانىمنىڭ بايانلىرىدا ھازىر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولۇۋاتقانلىقى، ئامېرىكىنىڭ ۋە خەلقئارالىق ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلىۋاتقانلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز سىياسىي ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئامېرىكا باشلىق خەلقئارا دېموكراتىك ئەللەرنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. سۆھبەتتە يەنە ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش ۋە ئۇنىڭ خانىمى لورا
بۇشنىڭ رابىيە قادىرنى قوبۇل قىلغانلىقىمۇ سۆزلەنگەن.
خىتاي قوشنىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالماقچى
9 - ئاپرىل كۈنى رۇسىيىدە چىقىدىغان " ھەربىي - سانائەت "گېزىتىدە ئالېكسېي ماتۋېيېۋ ئىسىملىك رۇس ئانالىزچىسىنىڭ " ئۇيغۇر - تىبەت مۇستەقىلچىلىرى ئولىمپىككە جىددىي تەھدىت سالماقتا" ماۋزۇلۇق ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالە ئاپتورى ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەرنىڭ بىرلىكتە بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارشى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقى تۈپەيلىدىن خىتاي ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوسلۇقىغا ئەزا بىر قىسىم دۆلەتلەر بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ ئۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئېلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ، يېقىندا خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەقسىتىدە مۇستەقىللىق يولىدا كۈرەش قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتى ۋە باشقا تەشكىلاتلارغا بىرلىكتە زەربە بېرىش ئۈچۈن خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغانلىقى ھەمدە ئالمۇتىدا بۇ مەسىلە ھەققىدە مەسلىھەت ئۇچرىشىشى بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
ئەلۋەتتە، ماقالە ئاپتورى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىنى خىتاي ۋە رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەبىرى بويىچە "تېررورچىلار" دەپ ئاتىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ مەۋجۇت ۋە تارىخىي سەۋەبىنى كۆرسىتىپ، "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتىلىۋاتقان پايتەختى ئۈرۈمچى بولغان مەزكۇر غەربىي شىمالىي ئۆلكىدە 1933 - يىللىرى ۋە 1949 - يىللىرىغىچە سوتسىيالىستىك مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەۋجۇت بولغان. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا جۇمھۇرىيەتنىڭ بارلىق رەھبەرلىكى بېيجىڭغا ماڭغاندا ئايروپىلان ھادىسىسىدە ئۆلگەن، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ جۇمھۇرىيەتكە خىتاي ئارمىيىسى كىرىپ، ئۇنىڭ زېمىنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زېمىنى دەپ ئېلان قىلىندى. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، شەرقىي تۈركىستان رەھبەرلىرىنىڭ ئۆلۈمىگە سوۋېت ئىتتىپاقى رازۋېتكا ئورگانلىرىمۇ قاتناشقان. ئەينى ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان تېررىتورىيىسىدە خىتايلار يوق دېيەرلىك بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاساسلىق تۈركىي تىللىق ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ، ئۆزبېك ۋە تۇڭگانلار ياشايتتى. ھازىر خىتاي رەھبەرلىرى بۇ رايونغا ئاكتىپ خىتاي كۆچۈرۈش سىياسىتى يۈرگۈزمەكتە، ئەلۋەتتە، بۇ يەرلىك خەلقلەرگە ياقمايدىغان ئىش " دەپ بايان قىلغان.
ئولىمپىككە قارشى پائالىيەتلەر دىققەتنى جەلپ قىلدى
"ئېئۇراسىئانەت" نىڭ يەنە بىر پارچە " ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن ئىلگىرى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى جىددىيلەشتۈرمەكتە" ماۋزۇلۇق ماقالىسى 8 - ئاپرىل كۈنى رۇس تىلىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر ماقالە موسكۋادىن تارقىتىلىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ تور بېتىدە كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىنغان.
ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تىبەتلەرگە ئوخشاشلا بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىشىغا نارازى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز نارازىلىقلىرىنى تۈرلۈك شەكىلدە بىلدۈرۈۋاتقانلىقى، مەسىلەن، 2008 - يىللىق ئولىمپىك مەشئىلى ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلگەندە 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
مەزكۇر ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرى ئاساسىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى تېررورچىلىق بىلەن قارىلاۋاتقانلىقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقانلىقى شۇنىڭدەك يەنە خوتەندە يۈز بەرگەن نارازىلىق نامايىشلىرى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىلگەن. (ئۈمىدۋار)