چەتئەللەردە ۋە خىتايدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ۋاڭ لېچۈەننى ئاپتونوم رايون سېكرېتارلىقدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا جاڭ چۈنشەننى تەيىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، بۇ رايونغا ھېچقاچان كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۆپ مەبلەغ سېلىشقا باشلىدى. يېڭى كەلگەن بۇ سېكرېتار ھازىر ۋاڭ لېچۈەننىڭ 'مۇقىملىق بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ ' دېگەن سىياسىتىنى تىلغا ئالماي 'خەلقنى باي قىلىش بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ' دەپ جاكارلىدى. ئۇ، ۋاڭ لېچۈەننىڭ 'ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش' دېگەن سىياسىتىنىمۇ پەقەت تىلغا ئالمىدى.
'بۇ، پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاكتىكا ئۆزگەرتكەنلىكى'
تۈركىيىدىكى ئىستراتېگىيە ۋە چۈشەنچە ئىنىستوتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، بۇ، پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاكتىكا ئۆزگەرتكەنلىكى. ئۇيغۇر مەسىلىسى ئىقتىسادىي تەدبىر بىلەنلا ھەل قىلغىلى بولىدىغان مەسىلە ئەمەس.
'خىتاينىڭ ۋاڭ لېچۈەننى يۆتكەپ كېتىشى خۇددى جاڭ كەيشىنىڭ شېڭ شىسەينى يۆتكەپ كەتكىنىگە ئوخشايدۇ'
دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاڭ لېچۈەننى يۆتكەپ كېتىش تەدبىرى خۇددى جاڭ كەيشىنىڭ شېڭ شىسەينى يۆتكەپ كەتكىنىگە ئوخشايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرقىدەك بۇنداق تەدبىر ئۆزگەرتىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننى باشقۇرۇشتا يەنىلا چوڭ ئۈنۈم قازىنالمايدۇ.
خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش چارىسى
ب ب س نىڭ 5 - ماي كۈنى ئېلان قىلغان ئوبزورىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر يېڭى چېگراغا ئون مىلياردلاپ مەبلەغ سالغانلىقىنى 'ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېررورچىلىققا قارشى' چارىسى دەپ بايان قىلدى. 'خىتايغا نەزەر تور گېزىتى'دە، خىتاي ھازىر يېڭى چېگرادا مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ مەبلەغ سالماقتا دەپ بايان قىلدى.
'بوشۈن تور گېزىتى'دە خىتاي ھۆكۈمىتى 'مۆتىدىل، ئوچۇق - يورۇق، خەلقسۆيەر، رەھبەرلىك تەجرىبىسى مول ' دەپ پېچەت چاپلاپ ئەۋەتكەن يېڭى سېكرېتار جاڭ چۈنشەن خۇنەندە پەيدا قىلغان ئادالەتسىزلىكلەرنى پاش قىلىدىغان ماقالىلەر ئېلان قىلىندى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.