خىتاي دىپلوماتلار ھەيئىتى تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى مەسئۇللىرى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى

تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى باش كاتىپى مۇستافا دەستىچى بىلەن بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى مېتىن گۈندوغدۇ پارتىيە مەركىزىدە خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى سىياسىي ئىشلار مۇدىرى شياۋ جۈنجېڭ باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنى قوبۇل قىلدى.

0:00 / 0:00

تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى باش كاتىپى مۇستافا دەستەچى ئەپەندى، خىتاي دىپلوماتلار بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا ئالدى بىلەن خىتاي ھەيئىتىنىڭ ئۆز پارتىيىسىنى زىيارەت قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، تۈركلەر بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ 2000 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، يېقىندىن بېرى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە تىجارىي مۇناسىۋەتنىڭ تېزلا تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەل بولغان تەقدىردە، تۈرك ‏- خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مۇستافا دەستىچى خىتاي دىپلوماتقا شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ بىر ئەركىنلىك داۋاسى ئىكەنلىكىنى، تۈرك دۇنياسىنىڭ شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسىنىڭ داۋاسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ خىتاي دىپلوماتقا يەنە، خىتايلار ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىۋاتسا، ئۇيغۇرلارنى بوزەك قىلىۋاتسا، مىللىي مائارىپىنى مېنى قىلىۋاتسا، ئەركىن دىنىي ئىبادەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلمايۋاتسا، بۇنىڭغا بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ قاراپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

كېيىن خىتاي دىپلومات شياۋ جۈنجېڭ سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، خىتايدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تەڭ باراۋەر ئىكەنلىكىنى، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەر قايسى پارتىيىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كېيىن بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى رەھبەرلىرى خىتايدىن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە قانچە ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، تۈرمىگە تاشلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ نېمە بولغانلىقىنى، كامبودژادىن قايتۇرۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قەيەردە، ئەھۋالىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى سورىغان.

بىز بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ب ب پ باش كاتىپى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

xiao-junzheng-mustafa-destichi-we-metin-gundoghdu-385.jpg
تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى باش كاتىپى مۇستافا دەستىچى بىلەن بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى مېتىن گۈندوغدۇ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىسى شياۋ جۈنجېڭنى قوبۇل قىلدى. 2011-يىلى يانۋار. (RFA/Erkin Tarim)

مۇستافا دەستىچى ئەپەندى خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى زىيارەت قىلىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
"مېنىڭ تەخمىنىمچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان سىياسىي پارتىيە ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى توسۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ دەپ ئويلايمەن."

"سىز خىتاي دىپلوماتتىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە بەزى سوئاللارنى سوراپسىز، نېمە دەپ جاۋاب بەردى " دېگەن سوئالىمىزغا مۇستافا دەستىچى ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى:
"5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن تۈرمىگە تاشلانغانلارنىڭ سانىنى سورىغىنىمىزدا، بۇ سانلارنى ئېلان قىلدۇق دېدى. ئېلان قىلغانلىرىڭلارغا ئىشىنىش قېيىن، چۈنكى ئۇ رايون دۇنيا مەتبۇئاتىغا ئېتىگلىك. ئۇ يەردە نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىدىن دۇنيا جامائەتچىلىكى بىخەۋەر. سىلەر ئېلان قىلغان سانلارغا دۇنيا جامائەتچىلىكى ئىشەنمەيدۇ. كامبودژادىن قايتۇرۇۋېتىلگەن كىشىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنى سورۇدۇم، خىتاي دىپلومات ئاڭلىماسقا سېلىپ تۇرۇۋالدى. خىتاي دىپلومات شياۋ جۈنجېڭ سىلەرگە تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلار يالغان مەلۇمات بېرىۋاتىدۇ، چۈنكى ئۇلار يۇرتىغا بېرىپمۇ باقمىغان ئىنسانلار، ئۇلارغا ئىشەنمەڭلار دېدى."

" ھۆرمەتلىك مۇستافا دەستىچى ئەپەندى 2011-يىلى تۈركىيىدە ئومۇمىي سايلام بولىدۇ، ئەگەر سىلەرنىڭ پارتىيە تۈركىيە پارلامېنتىغا كىرگەن تەقدىردە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلماقچى؟" دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:

"بىز بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى تۈركىيە پارلامېنتىغا كىرسەك، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى پارلامېنتنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىمىز. پۈتۈن پارلامېنت ئەزالىرى قاتناشقان ئومۇمىي يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىمىز. مەن خىتاي دىپلومات شياۋ جۈنجېڭغىمۇ دېدىم، بىز خىتاي دۆلىتى بىلەن سىياسىي ئىقتىسادىي ۋە تىجارىي مۇناسىۋىتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايمىز، ئەمما شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىك بېرىلىشى شەرتى ئاستىدا."

خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىنىڭ سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇدىرى شياۋ جۈنجېڭ بۇندىن 6 ئاي بۇرۇنمۇ تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنى زىيارەت قىلىپ، پارتىيە مەسئۇللىرى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلەشكەن ئىدى.