ئولىمپىك باشلانغاندىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارادا

كۇچادا 10 ‏ - ئاۋغۇست ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، دوۋېي ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن ئەتىگەندە خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ كۇچادا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىدىن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر كۇچا شەھىرىگە كىرىدىغان يوللارنىڭ ھەممىسىنى قامال قىلىۋالغان.

0:00 / 0:00

كۇچادا پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يەتمىگەن

رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئېنىقلىشىچە، كۇچادا 10‏ - ئاۋغۇست ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، كۇچادا تۇرۇۋاتقان خىتاي ئاھالىلىرى مۇخبىرىمىزغا ' ئاقسۇ ۋالىسى بۇ ۋەقەنى تېررورلۇق دېلو دېدى' دېگەن.

كۇچادا تۇرۇۋاتقان خىتاي ئاھالىلىرى بۇ قېتىمقى پارتلاش ئاۋازىنى ئاڭلىغان، ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ مۇھىتى يەنىلا تىنچ، تۇرمۇشىغىمۇ ھېچقانداق تەسىر يەتمىگەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ۋەقەدىن كېيىن قاچقان ئۈچ ئۇيغۇرنى تۇتۇش ئۈچۈن بۇ شەھەردە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت ھازىر داۋاملىشىۋاتىدۇ.

خىتاي كۇچا ۋەقەسىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ، ئەمما ۋەقە يەنىلا دۇنياغا يېيىلدى

كانادادا چىقىدىغان 'يەرشارى ئۇچۇرلىرى' گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى جيوففېرى يوركنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى كۆپ ۋاقىتتىن بۇيان ئولىمپىك مۇسابىقىسى جەريانىدا پارتلاش يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ تەييارلىق كۆرۈۋاتقان ئىدى. ئەمما ئولىمپىك باشلىنىپلا خىتاينى يەنە قارا باستى.

كۇچادا پارتلاش ۋە جىددىي ئېتىشىش يۈز بەردى. گەرچە خىتاينىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرى بۇ ۋەقەنى خەۋەر قىلماي يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋەقە دۇنياغا يېيىلدى.

بۇ ۋەقە خىتاي ھاكىملىق قىلىۋاتقان كۇچا شەھىرىنى زەخمىلەندۈردى

ئاۋسترالىيىدە چىقىدىغان 'خەلقئارا ئۇچۇر مۇنبىرى' گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى جىم ياردلېينىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە خىتاينىڭ غەربىدىكى شىنجاڭدا، خىتاينىڭ ساقچى ئورگانلىرىغا قارىتىلغان چاتما پارتلاش يۈز بەردى. خىتاي ئۇچۇر ۋاستىلىرى بۇ ۋەقەنى 'ئاز دېگەندە 7 كىشى پەيدا قىلدى' دەپ قارىماقتا.

Qeshqer-xitay-saqchi-matem-305
4 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﯘﺟﯘﻣﺪﺍ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ 16 ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﺗﻪﻡ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺷﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﯩﻨﻰ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ. 2000 ﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻣﯘ ﻣﺎﺗﻪﻡ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ AFP ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﺗﻪﻣﮕﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ. (AFP Photo)

مەزكۇر يازغۇچىنىڭ بايان قىلىشىچە، بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ ۋېي 'بۇ ۋەقەنى جۇڭگودىن بۆلۈنۈپ چىقىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلار پەيدا قىلدى، ئۇلار ئولىمپىكتىن پايدىلىنىپ ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىشنى ئويلىماقتا' دېگەن.

مەزكۇر يازغۇچىنىڭ بايان قىلىشىچە يەنە، بۇ ۋەقە خىتاي ھاكىملىق قىلىۋاتقان كۇچا شەھىرىنى زەخمىلەندۈردى. ئەمما 400 مىڭ نوپۇسى بار بۇ شەھەردە ھېچكىم تېخى بۇ ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكى ھەققىدە ئىسپاتلىق بەرگىنى يوق. پەقەت سوئالغا جاۋاب بەرگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى پارتلاش ئاۋازىنى ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاي بۇ ۋەقەنى دۇنيا ئاللىقاچان بىلىدىغان تېررورچى گۇرۇپپىلارغا چېتىشقا باشلىغان

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر بۇ مۇقىمسىز شىنجاڭدا 11 ئادەم ئۆلگەن پارتلاش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت ھازىر خۇلاسىنى ئېلان قىلمايلا، بۇ ۋەقەنى دۇنيا ئاللىقاچان بىلىدىغان تېررورچى گۇرۇپپىلارغا چېتىشقا باشلىغان. بۇ ۋەقە خىتاي ھاكىملىق قىلىۋاتقان كۇچانى زەخمىلەندۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېيتىشىچە، بېيجىڭدىن 3 مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەنى شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتىلىدىغان بىر دۆلەت قۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغان تەشكىلاتلار ئۇيۇشتۇرغان. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ۋەقەنىڭ پەيدا بولۇشىغا خىتاي كۆچمەنلىرى ھازىر شىنجاڭدىكى 20 مىليون نوپۇسنىڭ كۆپ سانلىقىنى ئىگىلەپ بولغانلىقى ۋە خىتاي مەدەنىيىتى ئاساسىي ئورۇنغا ئۆتۈشكە باشلىغانلىقى سەۋەبچى بولغان.

خىتاي ئەسكەرلىرى كۇچانىڭ كوچىلىرىدا ئۇيغۇرلارنى قوغلىماقتا

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ يازغۇچىسى ۋىليام فورمەننىڭ بۈگۈن كۇچادىن بايان قىلىشىچە، خىتاي ھاكىملىق قىلىۋاتقان نېفىت بايلىقى مول كۇچا شەھىرىدىكى ساقچى پونكىتى، ھۆكۈمەت بىناسى، بانكا ۋە سودا سارايلىرىغا قارىتىلغان پارتلاش ۋەقەلىرى تۈنۈگۈن يۈز بەرگەندىن كېيىن، تېخىچە ھېچكىم ياكى قايسىبىر تەشكىلات بۇ ۋەقەگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىمىدى. ئەمما نوپۇسىنىڭ كۆپ سانلىقى ئۇيغۇرلار بولغان بۇ شەھەرنىڭ كوچىلىرىدا ئاپتومات ئاسقان خىتاي ئەسكەرلىرى ئۇيغۇرلارنى 'ئۆيدىن چىقماي ئولتۇر' دەپ ۋارقىراپ قوغلىماقتا.

بۇ، ئۆتكەن ھەپتىدە قەشقەردە يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا خىتاي ساقچىلىرىدىن 16سى ئۆلتۈرۈلۈپ 16 سى يارىدار قىلىنغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن ئىككىنچى چوڭ ۋەقە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، بىر نەچچە ئون يىلدىن بۇيان بۇ ئۇيغۇر رايونىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانىنى %90 كە يەتكۈزۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىغا نارازىلىق مەۋجۇت ئىدى.

كۇچادىكى مۇسۇلمانلار خىتاينىڭ ئولىمپىكىگە بولغان قارشىلىقىنى مۇشۇنداق ئىپادىلىدى

ئەنگلىيىدە چىقىدىغان 'تايمس ئىنتېرنېت گېزىتى' نىڭ يازغۇچىسى رىچارد پېررىنىڭ بۈگۈن كۇچادىن بايان قىلىشىچە، تۈنۈگۈن سەھەردە، كۇچادا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش شەكلى بىلەن ھۇجۇم قىلغان بۆلۈنمىچى مۇسۇلمانلار، ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە بولغان قارشىلىق ھەرىكىتىنى خىتاينىڭ كۇچادىكى ساقچى پونكىتى، ھۆكۈمەت بىناسى ۋە تىجارەت ئورۇنلىرىدا 10 نەچچە جاينى پارتلىتىش ئارقىلىق ئىپادىلىدى.