خوڭكوڭدىكى گېزىت - ژۇرنال ۋە تېلېۋىزور قاناللىرىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر شەھىرى ۋە كۇچا ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن نارازىلىق ھۇجۇملىرى يەنى پارتلاش ۋەقەلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ، تۈرلۈك تەسىرلەرنى پەيدا قىلدى.
مەزكۈر خەۋەرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، پارتلىتىش ھۇجۇملىرى قوزغاۋاتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، بۇ خوڭكوڭلۇقلاردا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئەكس تەسىرلەرنى پەيدا قىلغان بولسا، يەنە بىر قىسىم خوڭكوڭلۇقلاردا بولۇپمۇ خوڭكوڭدىكى ئۆكتىچى كۈچلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدە ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ھېسداشلىقلارنىمۇ مەيدانغا كەلتۈردى.
خوڭكوڭدىكى ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلگىرى خوڭكوڭدا ئاخبارات ئەركىنلىكىگە كەڭ يول بېرىلگەندىن سىرت، خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرى مەسىلىلەرگە ئادىل باھا بېرىشتە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىنىڭ مەتبۇئاتلىرىغا قارىغاندا ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلەپ كەلگەن ئىكەن. بىراق نۆۋەتتە خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىدا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنىڭ ئاتالمىش تېررورلۇق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر شەھىرى ۋە كۇچا ناھىيىسىدە ھۆكۈمەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇم دەپ قارىلىپ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا، ئۆكتىچىلەر بولسا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قاتتىق كونترول قىلىش ۋاستىسى ۋە بىر تەرەپلىمە خەۋەر ئېلان قىلىش ئۇسلۇبلىرىنىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونىغا قەدەر كېڭەيتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
بىر قىسىم خوڭكوڭلۇقلار مۇخبىرلارغا، ئۇيغۇرلار " تېررورچى " دېگەن قاراشلىرىنى ئىپادىلىگەن بولسا، يەنە بىر قىسىم خوڭكوڭلۇقلار " ئۇيغۇرلار نېمە دېگەن جاسارەتلىك بىر مىللەت، ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن قىزنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلىپ، ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان بىر قەھرىمانلىق روھ " دەپ باھا بېرىشتى.
ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ بۇ ھەقتە تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىۋاتقان خوڭكوڭدىكى ئۆكتىچى كۈچلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىندىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنى " پىچاق سۆڭەككە يەتكەندە، يۈز بېرىدىغان ئىسيان " دەپ باھالىدى.
خوڭكوڭدىكى مەشھۇر ئوبزورچى مارتىن ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى خەلقئارا تېررورچىلىقنىڭ بىر قىسمى قىلىپ، ئۇلارنى باستۇرۇپ، ئۆزىنى خۇددى ھەققانىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقاندەك كۆرسىتىپ كەلدى ۋە بۇ ئارقىلىق تېررورچىلىققا زەربە بېرىۋاتقان دۆلەتلەر قاتارىغا ئۆتۈپ، خەلقئارا جامائەتنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشمەكچى بولدى، لېكىن ئارقا - ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە بىلدۈرۈۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئۇلارنىڭ ھېچقاچان خەلقئارا تېررورلۇقنىڭ بىر قىسمى ئەمەسلىكىنى دەلىل - پاكىتى بىلەن ئىسپاتلاپ بەرمەكتە."
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرى ئېلان قىلغاندەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلەتكەن پارتلاتقۇچ بومبىلىرى قولدا ياسالغان بومبىلار، ئۇلار ھەرگىزمۇ خەلقئارادىكى تېررورچىلار ئىشلەتكەن ئىلغار تىپلىق قوراللارغا ئوخشىمايدۇ، بۇنىڭدىن بىر قانچە ۋاقىت ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۈز بەرگەن باستۇرۇش ھەرىكىتىدە ئۇيغۇر ياشلىرىنى تېررورلۇق پىلانلىرى تۈزمەكچى بولغان دەپ باستۇرغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ يىمەك پىشۇرۇش ئۈچۈن ئۆيىدە قوللىنىدىغان پىچاق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ئۇنداقتا خەلقئارا تېررور تەشكىلاتلىرىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلانغان ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن كۈچلۈك ھەربىي قوراللارغا ئىگە ئەلقائىدىگە ئوخشاش تېررور تەشكىلاتلىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئۇلار ئىشلەتكەن ئىلغار قوراللارنى قوللانماي ئۆزلىرى ئۆيدە ياسىۋالغان بومبىلارنى قوللىنىدۇ؟
ئوبزورچى مارتىن ئەپەندى سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى": مېنىڭچە ھازىر ئۇيغۇرلار قوبۇل قىلالمايۋاتقان بەكمۇ مۇھىم بىر مەسىلە بار، ئۇ بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ياش قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش مەسىلىسى، ئۇيغۇرلار مەيلى دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىن بولسۇن ۋە ياكى ئۆرپ - ئادەت جەھەتتىن بولسۇن، بۇ خىل كەمسىتىشنى قوبۇل قىلالمايدۇ، تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ھازىر ھەر خىل يامان ئاقىۋەتلەرگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرى ناھايىتىمۇ كۆپ ئىكەن، دېمەك بۇ قېتىم قارشىلىق بىلدۈرگۈچىلەر ئارىسىدا ئاياللارنىڭ كۆپ سانلىقنى ئىگىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ئۆچمەنلىكىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنىڭ مۇھىم بىر ئىپادىسى."
گەرچە خوڭكوڭدا مارتىن ئەپەندىنىڭ قارىشىغا ئوخشاش قاراشتىكى كىشىلەر خېلى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما خوڭكوڭدىكى زىيارىتىمىز داۋامىدا ئۇيغۇرلارغا بولغان خاتا قاراش ۋە ئۆچمەنلىكلەرنىڭمۇ ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكى بايقالدى.
خوڭكوڭدىكى مېترو پارك مېھمانخانىسى خادىملىرى رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، تۈرلۈك قېيىنچىلىقلارنى چىقىرىپ، مۇخبىرىمىزنى مەزكۈر مېھمانخانىدىن ئايرىلىپ باشقا مېھمانخانىغا ئورۇنلىشىشقا مەجبۇرلىدى.